ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەككىز ئايدىن كېيىن يەنە بىرەيلەن قازا قىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-16 10:55

14-يانۋار خېبېي ئۆلكىسى بىر بىمارنىڭ 13-يانۋار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ ئۆتكەن يىلى 17-ماي جىلىن ئۆلكىسىدە بىر بىمار قازا قىلىپ ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە قازا قىلغان تۇنجى بىمار ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كېسىلى ئېغىر بىمارلارمۇ ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن كۆپەيگەن.

ئارقىدىن خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇ قازا قىلغان بىمارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، قازا قىلغان بىماردا ئاساسىي كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. خېبېي ئۆلكىسىمۇ 13-يانۋار كەچتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، «كېسەل بىلەن ئۆلۈش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش»نى تەكىتلىدى.

بۇ بىمارنىڭ ئۆلۈمى قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى؟ «تۆت بالدۇر بولۇش» پىرىنسىپىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ يۇقۇمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟

ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر يەرلىك بىمار قازا قىلدى

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 14-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 13-يانۋار سائەت 0 دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن 138 بىمارغا دىياگنوز قويۇلغانلىقى دوكلات قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 14، يەرلىك بىمار 124 (خېبېيدا 81، خېيلۇڭجياڭدا 43)؛ 1 يەرلىك بىمار (خېبېيدا) قازا قىلغان. 13-يانۋار سائەت 24 كىچە، ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 885 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 24) بولۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 82 مىڭ 324، قازا قىلغانلار جەمئىي 4635.

بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، 13-يانۋار قازا قىلغان بىمار 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بويىچە جەمئىي دوكلات قىلىنغان قازا قىلغۇچىلارنىڭ 4635-سى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن 2020-يىلى 16-ماي جىلىن ئۆلكىسىدە بىر بىمار قازا قىلغان، 17-ماي قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان.

ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خېبېيدا يەنە بىر بىمارنىڭ قازا قىلىشى، بىزگە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؟

خېبېيدا ھازىر بار كېسىلى ئېغىر بىمار 16 بولۇپ، قازا قىلغان بىماردا ئاساسىي كېسەللىكلەر بار ئىكەن

ئىگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن قازا قىلغان بىمار ئايال كىشى بولۇپ، ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاچقا، كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن تېز ئېغىرلىشىپ، 13-يانۋار چۈشتىن كېيىن قازا قىلغان.

خېبېي ئۆلكىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يەن شىشىن 14ـ يانۋار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىمار شىجياجۇاڭ شەھىرى گاۋچېڭ رايونى زېڭسۈن بازىرىدىن بولۇپ، مەزكۇر رايون بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى يۇقىرى خەتەرلىك رايونغا ھېسابلىنىدۇ. 9-يانۋار نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولۇپ، قىزىش، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، شۇ كۈنى خېبېي ئۆلكىلىك كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. بىمارنىڭ كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىن، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشى ئالاھىدە تېز بولغان، دوختۇرخانىدا ياتقان كۈنى، بىماردا بىر قەدەر روشەن نەپەس قىيىنلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىماردا ئېغىر دەرىجىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن باشقا، يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك زەخىملىنىش، يەنى يۈرەك مۇسكۇلى زەخىملىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بايقالغان، كېيىن تەدرىجىي جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى زەخىملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. پۈتكۈل داۋالاشتا دورا بىلەن داۋالاشتىن باشقا، يەنە كانايغا نەيچە كىرگۈزۈش، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان. دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىۋاسىتە تەكشۈرگەن، يەنە نۇرغۇن جايلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر توردا كوللېكتىپ دىياگنوز قويغان، بىراق بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان. بىمار 13-يانۋار قازا قىلغان. ئۆلۈش سەۋەبى خەتەرلىك ئېغىر تىپلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىشتىن قازا قىلغان دەپ بېكىتىلگەن.

خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 13-يانۋار سائەت 24 كىچە، خېبېي ئۆلكىسىدە ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمار 463 (16 بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، 410 بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتىكىدەك، 37 بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك)، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 2 (كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتىكىدەك) ئىكەن.

خېبېيدا دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياش، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ھەممىسى 60 ياشتىن ئاشقان

بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بىر بىمارنىڭ قازا قىلىشى ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، بۇنىڭدىن باشقا خېبېي ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېشى چوڭراق بولۇشتەك يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىمى گو يەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ: بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياش، دېدى.

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسى تۇڭ چاۋخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە شىجياجۇاڭدا قوبۇل قىلىنغان ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال خېبېيدىلا كۆرۈلگەن ئەمەس. گو يەنخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلار ئۆز يېرىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، يۇقۇمدا داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولۇش، بىمارلارنىڭ يېشى چوڭ بولۇش، يېزىلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى، بەزى جايلاردا مەھەللىلەردە تارقىلىش، بىرقانچە ئەۋلادلار ئارا تارقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى.

دەسلەپكى ئالامەتلەرنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك

بۇ قېتىمقىدەك جىددىي يۇقۇمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ تۇڭ چاۋخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنى ۋاقتىدا تىزگىنلەش، بالدۇر ئايرىپ كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

«نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى ساختا مەنپىي چىقىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا، مەسىلەن، بەزىلەرنى بىر قېتىم تەكشۈرسە مەنپىي چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىككى~ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بەزىلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئونىنچى قېتىم تەكشۈرگەندە ئاندىن مۇسبەت چىققان. مېنىڭچە، بىز 2-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خەتەرلىك كىشىلەر توپى، خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىكى كىشىلەر توپىنى يەنە بىر نەچچە قېتىم تەكشۈرۈشىمىز كېرەك، ھەممىسىدە نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار بايقالمىسا، ئاندىن بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى كۆرۈلدى دېسەك بولىدۇ».

تۇڭ چاۋخۇي يەنە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق ئەسكەرتتى.

«بەزىلىرىدە دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، كېسەللىك ئەمدىلا قوزغىلىشقا باشلىغاندا، قىزىش، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى، پۇراق، تەم سېزىمى ناچارلاش، پۇت ـ قولى ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراش بىلەن بىرگە، يەنە بۇ كىشىلەردە كۆرۈلگەن بەزى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە، يەنە ئەزالارنىڭ رېنتىگېندىكى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. 

كېسەل بىلەن ئۆلۈش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 13-يانۋار كەچتە، خېبېي ئۆلكىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە ۋىدېيولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، لاڭفاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئىلمىي ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ نۇقتىدا ئايرىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىلمىي دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىمارلارنى داۋالاشقا قارىتا، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى ۋە «تۆت بىر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي بىمارلارنى داۋالاش كېرەك.

دوختۇرخانا ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە تۇنجى دىياگنوز قويۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، داۋالاش ئەخلەتلىرى ۋە بۇلغانغان سۇنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، داۋالاش خادىملىرىنى مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشى ۋە يامرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چوڭ-كىچىك قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە مەھەللە-كەنتلەرنى باشقۇرۇش- كونترول قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن توسۇپ ۋە كونترول قىلىپ، كىچىك قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، لاڭفاڭ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ قاتناش باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەم، ئاپتوموبىللارنى ئالاھىدە زۆرۈر ئەھۋال بولمىسا كىرگۈزمەسلىك ۋە چىقارماسلىق كېرەك. «ئۈچ مۇداپىئە لىنىيەسى»نى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ بېيجىڭ ۋە ئەتراپتىكى باشقا رايونلارغا كېڭىيىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە ئاساسلىق خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئوتتۇرھال، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى كەنت، مەھەللىلەرنى دائىرىلەپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللىنىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشى ۋە ئىچكى قىسىمدا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەككىز ئايدىن كېيىن يەنە بىرەيلەن قازا قىلدى!

14-يانۋار خېبېي ئۆلكىسى بىر بىمارنىڭ 13-يانۋار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.