ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:15

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك  مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. بۇ بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، ئەھمىيىتى زور. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، ھەمبەھر، ئوچۇق، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسى تەقدىم قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارغا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشكە قاتناشقان بارلىق قۇرۇلۇشچىلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىككە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

زىمىستان قىش پەسلىدە، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك بولۇپ، تاغلىق رايونلار كۈمۈشتەك لىباس كىيگەنىدى. شى جىنپىڭ 18- ۋە 19-يانۋار كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، خەيديەن، يەنچىڭ، جاڭجياكۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى، مەشىق بازىلىرى، قاتناش تۈگۈنلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

18-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىغا جايلاشقان پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىغا كېلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك  مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئاممىۋى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى ئېلىمىزدىكى تۇنجى سۈنئىي زال ئىچى مۇز مەيدانى بولۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ مەشىق شارائىتىنى ھازىرلىدى. شى جىنپىڭ مەشىق مەيدانىغا بېرىپ، مەيدان-سارايلارنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۆلەت فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كوماندىسى ۋە قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش-سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نىشانى. تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ ئاساسى ئاممىۋى تەنتەربىيەدە. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك  مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئېلىمىز قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەم تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى كۈچلۈك، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئاجىز بولۇش ۋە «يازلىق تۈرلەردە كۈچلۈك، قىشلىق تۈرلەردە ئاجىز بولۇش»، «مۇز تۈرىدە كۈچلۈك، قار تۈرىدە ئاجىز بولۇش» مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 

زامانىۋى ماھارەت تەنتەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەم كۈچ-قۇۋۋەتكە، ھەم ماھارەتكە تايىنىش كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەر دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش، قەيسەرلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇشى، قىش ۋە يازدىكى ياخشى مەشىق قىلىش پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، مەشىق ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.  

18-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان دۆلەت  تاغدا قار تېيىلىش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دۆلەت تاغدا قار تېيىلىش مەركىزى يەتتە قار تېيىلىش يولى ياساشنى پىلانلىدى، مۇسابىقە ۋاقتىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك  مۇسابىقىسىنىڭ تاغدا قار تېيىلىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ فۇنىكۇليورغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش يولى ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىغا يېتىپ بېرىپ، دۆلەت تاغدا قار تېيىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېشىل قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئوبدان ماسلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىدىن ھەم تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇسابىقە ئاخىرلىشىش رايونىدا بۇ مەركەزنىڭ مۇداپىئە تورىنى ئورنىتىش، قار تېيىلىش يولىنى تەكشۈرۈش، تەنھەرىكەتچىلەرنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ كاپالەت خىزمىتى مەشغۇلاتى ۋە تاغدا قار تېيىلىش ماھارىتى مۇسابىقىسىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىخەتەرلىك زور تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك. تاغدا قار تېيىلىش «باتۇرلارنىڭ ھەرىكىتى» بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش كوللېكتىپى، قۇتقۇزۇش كۈچى ۋە ئەسلىھەلەرنى ئاسراش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاغدا قار تېيىلىش تۈرىدە مېدالغا ئېرىشەلمەسلىكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ دۆلەت قار ماشىنىسى، چانا مەركىزىگە  كەلدى، ئاندىن مۇسابىقە يولىنىڭ يولغا چىقىش رايونى، ئاخىرلىشىش رايونىغا بېرىپ، قار ماشىنىسى، چانا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يولغا چىقىشتىن ئاتاكىغا ئۆتۈشكىچە بولغان مۇكەممەل مەشىق جەريانىنى كۆزدىن كەچۈردى. دۆلەت قار ماشىنىسى، چانا كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك تىرېنېرلار ۋە يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپى، قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى باش شۇجىدىن ئۈنلۈك ھال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى  شۇنداقلا  قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىگە تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىش ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى زور، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تەيزىچېڭ ۋوگزالى جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئولىمپىك  مۇسابىقىسى مەيدانىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى، بىر يىل ئىلگىرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

19-يانۋار، شى جىنپىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى بويلاپ تەيزىچېڭ ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، ۋوگزال تەنھەرىكەتچىلەر مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، قۇم مودېلىغا بىرلەشتۈرۈپ بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ۋە تەيزىچېڭ ۋوگزالى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېسىل قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۈچ چوڭ مۇسابىقە رايونىنى تۇتاشتۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، تىجارەت مۇلازىمىتى، تېخنىكا كاپالىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق سىناقلارنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، دەل جايىدا بولغان ئىنچىكە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قىشلىق  ئولىمپىك  مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ، تولۇق ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ تەيزىچېڭ ۋوگزالىدىن ئايرىلىپ، دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزى-ئېلىمىزدىكى پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىشنى ئاساسلىق ئىشلىتىش يولى قىلغان تۇنجى تەنتەربىيە سارىيى، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش ئىلھامى-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بېزىكى «بەخت سىمۋولى»دىن كەلگەن. شى جىنپىڭ دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئايلانما كارىدورغا چىقىپ، جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىدىكى قەدىمىي تېرەكلەر، مەيدان-سارايلارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى، ئارقىدىن پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىشنىڭ ئاخىرلىشىش رايونىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا بېرىپ، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەشىق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن جۇڭگو ئامىلى سىڭدۈرۈلۈپ، بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى نامايان قىلدى. بىز بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزگىچە، ئېسىل، تەڭداشسىز ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ دۆلەت قىشلىق ئىككى تۈر مەركىزىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىدا، قىشلىق ئىككى تۈر بويىچە دالىدا قار تېيىلىش ۋە قارىغا ئېتىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ مەشىق قىلىش ئەھۋالىنى كۆردى ھەم دۆلەت قىشلىق ئىككى تۈرى، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلىرى ۋە جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كوللېكتىپى، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك  مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلدىم شۇنداقلا كالا يىلىدىكى چاغاننىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدىم. كۆپچىلىك بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىشلىق ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەر جاپالىق مەشىق قىلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلار، كاپالەت كوللېكتىپى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئېسىل قۇرۇلۇشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى، كۆپچىلىكنىڭ كۈرەش روھى، تۆھپە قوشۇش روھى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن قار-مۇز تۈرى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بەزى تۈرلەر دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، بۇ-پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلەت تۈزۈلمىسى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇڭۋېن، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيدى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، تەييارلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى-ئېلىمىز «14-بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكۈزىدىغان زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى كونكرېت تەشكىللەپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىنى رازى قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، لايىھەنى ياخشى تۈزۈش، خىزمەتنى كۈچەيتىش شەرت. تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قايتىدىن پىلانلاپ ۋە تەڭشەپ، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مۇسابىقىنى ياخشى تەشكىللەشكە ھەقىقىي قارىتىش؛ «ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۇسابىقە تەشكىللەش، مۇسابىقە مۇلازىمىتى، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ خېيىم-خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى، مۇسابىقىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سېلىش ھەم ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش لازىم. بىرىنچى، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ئۆلچەم بويىچە مەيدان ۋە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقىدىن باشقا مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، تۈرلۈك يانداش ئەسلىھەلەر ۋە توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك مەيدان-سارايلاردا زۆرۈر بولغان يۇقۇمنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئايرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قاراتمىلىق كۆپەيتىپ، مەيدان-سارايلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تۈرلۈك سىناق پائالىيەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىككىنچى، مۇسابىقىنى يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇسابىقىنى يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، رايون، ساھە ھالقىغان قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ مۇسابىقە رايونى، بىر ئۆلچەم» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، داۋالاش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بەشىنچى، قار-مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى قار-مۇز ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مۇز مەيدانىغا يۈرۈش قىلىش، قار مەيدانىغا كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئالتىنچى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش، مۇھىت، كەسىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىدىن مۇسابىقىدىن كېيىن پايدىلىنىشنى پائال پىلانلاپ، زور مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ-جاڭجياكۇ تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت بەلبېغى قۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەييارلىق خىزمىتىدە يولۇققان زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلىشى لازىم. ھەر قايسى مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون، تارماق، دەرىجە ھالقىغان مۇھىم ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل شەھەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئورۇنلىشى لازىم. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇپ، چىرىكلىكنى توسۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك  مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خۇددى قار-مۇزغا ئوخشاش پاك، ساپ ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، «ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ياخشى، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇسابىقىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش؛ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى، مۇسابىقىنى يۈرۈشتۈرۈش، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەييارلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا قارىتا، خىزمەت لايىھەسى ۋە ئالدىنقى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش؛ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، زۆرۈر بولمىغان ھالقا، پائالىيەت ۋە ئادەم سانىنى ئىخچاملاپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تۈرلۈك سىناق پائالىيەتلىرىنى جانلىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، سەرخىللاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق ۋەزىپىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئورۇنلاش كېرەك. 

دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى، سۈن چۈنلەن، خې لىفېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بېيجىڭ، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ، خېبېيدا خىزمەت تەكشۈردى،