ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغاندا يۇرتقا قايتقۇچىلار دىققەت!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 09:21

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىمى ۋاڭ بىن 20-يانۋار گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېزىدا ئەۋرىشكە ئېلىش، ناھىيەدە تەكشۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئەۋرىشكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 12 سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىش كېرەك؛ چاغاندا ئەگەر چوقۇم يۇرتقا قايتىشقا توغرا كەلسە، يەتتە كۈن ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتى بولسىلا ئاندىن يۇرتىغا قايتالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇرتىغا قايتقان بۇ كىشىلەر يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنى شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك ئايرىش سورۇنى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارى جەھەتتىن تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن ھامان تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    چاغاندا يۇرتقا قايتقۇچىلار دىققەت!

    دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىمى ۋاڭ بىن 20-يانۋار گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى