ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭىدىن 103بىمار كۆپەيدى، بۇ جايلاردا!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-23 09:57

21-يانۋار سائەت 0دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، يېڭىدىن 103 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 9 (گۇاڭدۇڭدا 4، شاڭخەيدە 3، ئەنخۇيدا 1، فۇجيەندە 1)، يەرلىك بىمار 94 (خېيلوڭجياڭدا 47، جىلىندا 19، خېبىيدا 18، شاڭخەيدە 6، بېيجىڭدا 3، سەنشىدا 1)؛ قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار يوق.

شۇ كۈنى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 27، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 3103، ئېغىر كېسەلنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنىدىن 12 سى كۆپەيگەن. 

چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلاردىن ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 286 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 2)، ھازىر بار گۇمانىي بىمار 5. جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار 4572، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 4286، قازا قىلغانلار يوق.

21-يانۋار سائەت 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1674 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 80)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي 82 مىڭ 495، قازا قىلغان بىمار 4635، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 88 مىڭ 804، ھازىر بار گۇمانىي بىمار 5. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار جەمئىي 949 مىڭ 349 كىشى، تېببىي كۆزىتىلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 35 مىڭ 752 كىشى.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 119 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 20)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 20 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 1)؛ شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كىشى 15 (14سى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 929 (273ى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن). 

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار جەمئىي 10 مىڭ 785 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 9867 (دوختۇرخانىدىن چىققانلار 8904، قازا قىلغانلار 167)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (دوختۇرخانىدىن چىققانلار 46)، تەيۋەن رايونىدا 872 (دوختۇرخانىدىن چىققانلار 771، قازا قىلغانلار 7).

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭىدىن 103بىمار كۆپەيدى، بۇ جايلاردا!

21-يانۋار سائەت 0دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلات قىلىشىچە