مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئېلان قىلىندى
1-مارت ئېچىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى 2021-يىلى 4-مارت بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان تېزىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش.
3-ئايدا، بىز 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4ـ يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن توغرىسىدا سىز نېمىلەرنى بىلىسىز؟ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؟ قانداق ئادەم سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولالايدۇ؟
2021-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا قانداق يېڭىلىقلار بار؟
بۇ نۇقتىلارغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈشنى كۆرۈپ چىقىڭ!
↓↓↓