ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركەكلىكىنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ يۇڭشىن «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇ يۇڭشىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەركەكلىكى»گە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، جىنسنىڭ ئۆزى باراۋەر بولۇپ، ئەۋرىشىملىككە قارىتا جىنسىي كەمسىتىش بەلگىسى چاپلانماسلىقى كېرەككەن، لېكىن جەمئىيەتنىڭ ئىناق، ساغلام تەرەققىياتى ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا موھتاج بولىدىكەن.