ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-04 20:47

 

 

 

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100دىن كۆپرەك ئەزاسى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، ئاكتىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى جۇغلايدۇ.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2106 ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئاجايىپ بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر، مىسلىسىز خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆرۈشىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلدى، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تولۇق ئاياغلاشتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ تارىخىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەمدە  ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا قارىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان  زور مەسىلىلەرنى نىشانلاپ ئىدىيەۋى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «13-بەش يىل»لىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشتى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىلىپ، مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپىسىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئالاھىدە بىر يىلدا ئالاھىدە «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى تاماملىدى.

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى بەش جەھەتتىن خۇلاسىلىدى. بىرىنچى، نەزەرىيە ئۆگىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، «تۆت ئاڭ» يەنىمۇ كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ» چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىي يەنىمۇ پۇختىلاندى. ئىككىنچى، كېڭىشىش فۇنكسىيەسى چوڭقۇر ئادا قىلىنىپ، تۈرلۈك كېڭىشىش شەكلى ئۈنۈملۈك قوللىنىلىپ، توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈستۈنلۈكى جارى قىلدۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش پائالىيىتىنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكى، قالايمىقان بولۇپ قالماسلىقى، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئۈچىنچى، ئەزالار دەرسخانىسى، مەخسۇس خىزمەتلەر ئۈستىدە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى، سىردىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق ۋاسىتە، سۇپىلار داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىن پارتىيە سىرتىغىچە، ئەزالاردىن ساھەلەر ئايرىمىسىدىكى ئاممىغىچە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمەت ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىجابىي كۈچى مۇجەسسەملەندى. تۆتىنچى، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى روھىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. بەشىنچى، ئۆزلۈك قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ساھەلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل. خەلق سىياسىي كېڭىشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ-چوڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، پىكىر-تەكلىپ بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، فۇنكسىيەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ۋاڭ ياڭ 2021-يىلىدىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تۆت جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇردى. بۇلار تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىدىيەۋى سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش؛ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ يولغا قۇيۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كېڭىشىش  ۋە تەكلىپنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچنى كۈچەپ مۇجەسسەملەش؛ تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. 

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرىنى ھەر تەرەپلىمە ئۈستىگە ئېلىشى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك تەركىبى قىسمى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ،  سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگونى ئىدارە قىلىش يولىنى ئاچىدىغان مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى ۋە ئۆزگىچە ئىدارە قىلىش سەھنىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىش بولسا ياخشى كېڭىشىش، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئامما كېڭىشىشنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى داۋاملىق بېيىتىش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يېتەكچىلىكىنى چىڭىتىپ، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي كېڭىشىشنىڭ باشقا كېڭەش شەكلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەزالارنىڭ كېڭەش پىرىنسىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىنىش، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، خەلقنى كۆزلەش قەلبى بىلەن خىزمەت فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى». بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى! 

گۇ شېڭزۇ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلار 5974 پارچە تەۋسىيە بەردى، بۇنىڭدىن 5044 پارچىسى ئەنگە ئېلىندى. تەۋسىيەلەردە دەۋر تومۇرى نىشانلىنىپ، دىققەت مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلۈپ، ئەزالارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭغا كەڭ ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن. تەۋسىيە بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، بېجىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتىنى% 99.64 كە يەتكۈزدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ تەۋسىيە خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا پائال تۆھپە قوشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلدى