شى جىنپىڭ ئاياللارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6ـمارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان داۋالاش، دورا، ساقلىق ساقلاش ساھەسى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.