بويتاق خانىم قىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشى چەكلىنىدۇ!
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىگە بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە، بويتاق خانىم قىزلارنىڭ تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تۇخۇمىنى توڭلىتىشى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ تەرەپ كۆزدە تۇتۇلغان: تۇخۇمنى توڭلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشتا ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت، بۇ تېخنىكىدا ئىجادىي مەشغۇلات بار، تېخنىكىنى يولغا قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى؛ تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تۇخۇم توڭلىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش توغرىسىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە يەنىلا بىر قەدەر چوڭ تالاش-تارتىش مەۋجۇت؛ تاۋارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى قوغداش كۆپىيىشكە ياردەملىشىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشتا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئېتىكا پىرىنسىپى.