ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[قىزىل ئارخىپ]12-قىسىم:مېي لەنفاڭنىڭ «پارتىيەگەكىرىش ئىلتىماسى»>

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:28

 

 

 

64 يىل ئىلگىرىكى بىر كونا ئارخىپتىكى مېي لەنفاڭنىڭ كىشىلەر كۆپ بىلمەيدىغان ھېكايىسى كۆپچىلىك ئالدىدا نامايەن بولدى. كونا جەمئىيەتتىكى ئەلنەغمە چولپىنىدىن يېڭى جەمئىيەتتىكى سەنئەت ئەمگەكچىسىگىچە، كوممۇنىزم ئېتىقادىنىڭ چاقىرىقىغا ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ 

«مەن بىر ئەلنەغمە ئارتىسى، كونا جەمئىيەتتە ئېزىلگۈچى ئىدىم، ۋىجدانىمغا تايىنىپ، خەلقنىڭ بولۇپمۇ ئەلنەغمە ساھەسىنىڭ بەزى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىلا ئۆگىنىپ، ئاقكۆڭۈل، دۇرۇس، ئەمگەكچان، ۋەتەنپەرۋەر سەنئەت ئەمگەكچىسى بولۇشقا تىرىشقانىدىم».

1957-يىلى 12-ئايدا يېزىلغان بۇ ھۆججەت مەركەز ئارخىپخانىسىدا 60 نەچچە يىل جىمجىت پېچەتلەندى، بۇ ئىككى بەتلىك ئارخىپ ئاستا-ئاستا ئېچىلغاندا، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن، دەۋر دولقۇنىغا گۇۋاھ بولغان 60 ياشلىق بۇ بوۋاي ئەلنەغمە ئۇستازىدىن باشقا يەنە بىر سالاھىيىتى بىلەن قايتىدىن كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.

بۇ ھۆججەت ئەلنەغمە ئۇستازى مېي لەنفاڭنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى بولۇپ، قىسقىغىنا 500 خەتلىك بايانى ئون مىڭ خەتتىن ئارتۇق دەسلەپكى نۇسخىسى ۋە «ئۆز بايانى»نىڭ  يۇغۇرۇلۇشىدىن كەلگەنىدى. ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بېيجىڭ خۇگوسى 9-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان مېي لەنفاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تۇرالغۇسىدا، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يېڭى تىياتىرى «قوماندان مۇ گۇييىڭ»نى رېپېتسىيە قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئەگرى-توقاي ھاياتىنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقتى.

«مېنىڭ 50 يىللىق سەنئەت ئەمەلىيىتىمنى يىغىنچاقلىغاندا، مەن ئەلنەغمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياش يولداشلارغا شۇنى ئېيتىمەن: خىزمىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆگىنىڭ، تىرىشىپ سەنئەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈڭ».

بۇ چاغدا مېي لەنفاڭ 63 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يۇقىرىغا باققاندا سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە ئۆزىدىن ھالقىشلا قالغانىدى، ئەتراپقا باققاندا نۇرغۇن ياش ئەلنەغمە ئارتىسلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھنىسىدە جانلىنىشقا باشلىغانىدى.

ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى داڭلىق ئارتىسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان دەۋر، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىققا چۆمدى، شۇنداقلا بۇ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى. بولۇپمۇ مېي لەنفاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى ھاكىمىيەت ئۇنىڭغا سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قاتارلىق سالاھىيەتلەرنى ئاتا قىلىپ، ئۇنى سەھنە سىرتىدىكى ئىجتىمائىي روللىرى ھەققىدە يېڭى باشتىن تەپەككۇر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

«مەن شاڭخەيدىن بېيجىڭغىچە بولغان يولدا كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى، شۇنداقلا، پارلاق ئىدى. ھەر بىر بېكەتتە ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر، ئامما مېنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىي قىزغىن پوزىتسىيەسىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن. مېنىڭچە، بۇ ئۆتكەن دەۋردىكى ھەر قايسى تىياتىرخانىلاردىكى ئاممىنىڭ مېنى قارشى ئالغاندىكى ئەھۋالىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ».

«مەن 20 ياشتىن ئىلگىرى شىنخەي ئىنقىلابىغا، 30 ياشتىن كېيىن ئاتالمىش <شىمالغا يۈرۈش قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش>قا يولۇققانلىقىمنى ئەسلىسەم، كاللامدا ھېچقانداق داۋالغۇش بولمىغان. ئەمما بۇ قېتىم زور ئۆزگىرىش بولدى، مەن ئەزەلدىن بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغانىدىن».

«1949-يىلىدىن بۇيان مەن ئىزچىل بىر ناھايىتى شەرەپلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم، ئەمما شارائىتىمنىڭ يار بەرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇزاققىچە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدىم».

«مەن ماۋجۇشىنىڭ <يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدىكى نۇتۇقى>نى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەدەبىيات-سەنئەت ئالدى بىلەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دېگەن قائىدىنى چۈشەندىم، مېنىڭچە، ئۆزۈمنىڭ سەنئەت ھاياتى ئاندىن ھەقىقىي مەنىسىنى تاپتى».

زۇڭلى جوۋ ئىنلەي مېي لەنفاڭنىڭ پارتىيەگە كىرىشنى ئۈمىد قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى، مېي لەنفاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتدىشى ما شاۋبونىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «جوۋ ئېنلەي زۇڭلى ماڭا مۇنداق دېدى: يولداش چېڭ يەنچيۇۋ 1957-يىلى پارتىيەگە كىرگەندە، مەن ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغۇچى بولدۇم، بۇ يىل يولداش مېي لەنفاڭ پارتىيەگە كىرگەندە، ئۇنىڭ بۇ تەلىپى بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغۇچى بولۇشنى خالايمەن. بۇ چاغدا يولداش مېي لەنفاڭنىڭ جاۋابى خۇددى كومپارتىيە ئەزاسىدەك كەسكىن ۋە پاك ئىدى».

«زۇڭلىنىڭ غەمخورلۇقىدىن بەكلا تەسىرلەندىم، لېكىن مېنىڭچە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلاردىن پارتىيەگە كىرگەنلەر بەك كۆپ، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ زۇڭلىنى تونۇشتۇرغۇچى قىلسا، زۇڭلى بۇ ئىشلارغا قانداقمۇ يېتىشەلەيدۇ؟ مەن بىر ئاددىي ئادەم، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىقىم كېرەك».

شۇنداق قىلىپ، ئەلنەغمە ساھەسىدىكى تېخىمۇ بالدۇر پارتىيەگە كىرگەن ئىككى خىزمەتدىشى جاڭ گېڭ بىلەن ما شاۋبونىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر يىل ئۈچ ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مېي لەنفاڭنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى 1959-يىلى ئەتىيازدا جۇڭگو دىراما ۋە ئەلنەغمە تەتقىقات يۇرتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى. شۇ يىلى 1-ئىيۇل مېي لەنفاڭ پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تاللاپ، تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[قىزىل ئارخىپ]12-قىسىم:مېي لەنفاڭنىڭ «پارتىيەگەكىرىش ئىلتىماسى»>

64 يىل ئىلگىرىكى بىر كونا ئارخىپتىكى مېي لەنفاڭنىڭ كىشىلەر كۆپ بىلمەيدىغان ھېكايىسى كۆپچىلىك ئالدىدا نامايەن بولدى. كونا جەمئىيەتتىكى