ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فوربېس بايلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى! جۇڭگودىكى بىرىنچى باي...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:29

 

 

ئۇنىۋېرسال خەۋەر، (Forbe) فوربېس2021-يىللىق دۇنيادىكى مىلياردېرلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، ئامازون گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس (Jeff Bezos) شەرەپ بىلەن ئۇدا 4-يىلى 1-ئورۇننى ئىگەللىدى، SpaceXنىڭ قۇرغۇچىسى ( Elon Musk)ماسك 2-ئورۇندا تۇردى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ بايلار تىزىملىكىدىكى ئورنى 300 نەچچە ئورۇن تۆۋەنگە چۈشۈپ قالدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، فوربېسنىڭ 35-قارارلىق يىللىق مىلياردېرلار رەت تەرتىپىدە، ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس ئۇدا 4 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭ مۈلكى 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىپ، 177 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

رەسىمدە: بېزوس 

 

بىراق بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى ئەڭ تېز بولغىنى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ماسك بولۇپ، ئۇ 151 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن بۇلتۇرقى 31-ئورۇندىن 2-ئورۇنغا ئۆتكەن، بۇ بىر يىلدا بايلىقى 126 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن.

جون رېيىن-لۇئىس ۋىدىن گۇرۇھىدىكى بېرناد ئارنولت يەنىلا 3-ئورۇندا تۇرغان، بېل گايتىس بولسا 4- ئورۇنغا تىزىلغان. بۇ يىلFacebook تىكى مارك زاكېربېرگ 5-بولغان. ۋاررېن باففېت 20 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بايلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.

رەسىمدە: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپ.

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى مىلياردېر زۇڭتۇڭ. تىزىملىكتىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ترامپنىڭ نۆۋەتتىكى بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2019-يىلىدىكىدىن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن. لېكىن، دۇنيادىكى مىلياردېرلار تىزىملىكىدىكى رەت تەرتىپى 300 نەچچە ئورۇن تۆۋەنلەپ، 1299-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. فوربېس ژۇرنىلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا مىلياردېرلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان.

ئەگەر سەل بۇرۇنقى ۋاقىتقا نەزەر سالساق، 2017-يىلى 1-ئايدا يەنى تىرامپ ئەمدىلا ئاق سارايغا كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ ساپ قىممىتى 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە بايلىقىنىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە بۇ يىل يانۋاردىكى پارلامېنت پاراكەندىچىلىكى ترامپنىڭ سودىسىغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ كۆرسەتتى. تىرامپ گۇرۇھى قارمىقىدىكى مېھمانساراي، قىمارخانا ۋە ئىشخانا بىنالىرى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەسىپلەر قاتارىدا ئىدى.

گەرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى ئىقتىسادىنى قالايمىقانلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كارخانىچىلار يەنىلا تېز سۈرئەتتە بايلىقىنى ئاشۇردى، 2021-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى مىلياردېرلاردىن جەمئىي 2755 كىشى تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىراقلا 660 كىشى كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مۈلكىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 13 تىرىليون 100 مىليارد دوللار. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا يەنىلا مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

«فوربېس» بايلار تىزىملىكى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى Kerry A·Dolan مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كۆپلىگەن رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان بىر يىل بولدى، دۇنيا بويىچە تىزىملىككە يېڭىدىن كىرگەن ئادەم سانى ۋە مىلياردېرلار ئومۇمىي سانى جەھەتتە تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2021-يىلى دۇنيادىكى مىلياردېرلارنىڭ بايلىق ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ بايلىق يارىتىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

 

 

NEWS

ئالاقىدار خەۋەرلەر

«فوربېس»نىڭ جۇڭگودىكى ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى بىراقلا 626گە يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل تىزىملىككە يېڭىدىن كىرگەنلەر ئىچىدە %40تىن كۆپرەكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئىكەن.

كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، بۈيۈك جۇڭخۇا زېمىنى (ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى) تۇنجى قېتىم بايلار سانى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 745 كىشىگە يەتتى. بۈيۈك جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ بايلىق ئومۇمىي سوممىسى بەشتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتتى.

شياڭگاڭ يەنىلا مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، جۇڭگودىكى ھازىرقى بىرىنچى باي نوڭفۇ شەنچۈەن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇڭ شەنشەن بولۇپ، نوڭفۇ شەنچۈەن شىركىتى شياڭگاڭدا پېيىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، 68 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممىتى بىلەن شەرەپلىك ھالدا جۇڭگودىكى بىرىنچى باي بولۇپ تىزىلدى.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فوربېس بايلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى! جۇڭگودىكى بىرىنچى باي...

ئۇنىۋېرسال خەۋەر، (Forbe) فوربېس2021-يىللىق دۇنيادىكى مىلياردېرلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، ئامازون