ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[قىزىل ئارخىپ]13-قىسىم:يۈز يىللىق قەسەمياد»>

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-09 17:31

 

 

 

 

«ئۆزىنى قۇربان قىلىش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئاممىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش، پارتىيەگە ئىشەنچ باغلاش»

100 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بىر نۇقتا ئىزچىل ئۆزگەرمىدى.

بۇ قەسەمياد جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخىدىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ دەسلەپكى پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى. رەڭگى ئۆڭگەن كونا قىزىل رەختكە موي قەلەم بىلەن 24 خەتلىك «ئۆزىنى قۇربان قىلىش، مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلاش، سىنىپىي كۈرەش قىلىش، تىرىشىپ ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنۇش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق» دېگەن قەسەمياد 1931-يىلى 25-يانۋار يېزىلغانىدى. 

قەسەميادنى جياڭشىدىكى نامرات دېھقان خې يېدو يازغان بولۇپ، تۈزۈك خەت تونۇمىغاچقا، قەسەميادنىڭ ئالتە يېرىدە خاتالىق كۆرۈلگەنىدى.

1927-يىلىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ قىسىمنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە بېرىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخىدىكى تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى. ئەينى ۋاقىتتا، خې يېدو 41 ياشتا ئىدى. دېھقانلار ھەرىكىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلغاچقا، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جۇۋازخانىسىنى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاخبارات توپلىشى ۋە يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، يەر ئاستى مەخپىي قاتناش پونكىتى قۇرۇپ، قىزىل ئارمىيەگە ئاشلىق، تۇز ۋە ئوق دورا يەتكۈزگەنىدى.

خې يېدونىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرىش ئىلتىماسى تەستىقلاندى. جۇۋازخانىدىكى قاراڭغۇ ماي چىرىغى ئاستىدا، خې يېدو مەخپىي ھالدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى. ئۇ ئالدىنئالا تەييارلىغان قىزىل رەختكە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى CCP نى رەتلىك يازدى. قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ-سول تەرىپىگە بىردىن بەشيۇلتۇز سىزىشنى، ئىچىگە ئورغاق ۋە پالتىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە گېربىنى قوشۇشنى ئۇنتۇمىدى. 90 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ خەتلەردىن بىز يەنىلا دېھقان پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە ساداقىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ۋەزىيەتتە، خې يېدو كاللا كېتىشىدىن قورقماي، قەسەمياد ئاستىغا ئىسمىنى يېزىپ قويدى، كەينىدىنلا قەسەميادنى ماي قەغەزگە ئوراپ ئۆيىنىڭ لەمپىسىگە يوشۇردى، بۇ قەسەمياد نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالدى.

جىڭگاڭشەندىكى مەزگىللەردە، ماۋ زېدۇڭ بېكىتكەن 24 خەتلىك پارتىيەگە كىرىش قەسەميادىمۇ بىز ئۈچۈن كۆپ قىممەتكە ئىگە. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلى دەل رەھىمسىز ئىنقىلابىي كۈرەش مۇھىتىغا توغرا كەلدى، پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى ئىنقىلاب جەريانىدا بارلىققا كېلىپ، «ئۆزىنى قۇربان قىلىش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق» سۆزى قەسەم بەرگەن ھەربىر كوممۇنىستنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئايلاندى.

پارتىيەنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات تارىخىدا، پارتىيەگە كىرىش قەسەميادىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى قەسەميادلارغا روشەن دەۋر تامغىسى بېسىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۆلچەملىك پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى مەركىزىي ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 1944-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى سەنشى-چاخار-خېبېي ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى تەرىپىدىن بېسىلغان، جەمئىي سەككىز ماددا، قەسەميادنى شۇ چاغدىكى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن يۈن تەييارلىغان بولۇپ، ئايرىم جۈملىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنىدى. «كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىمەن، قىيىنچىلىقتىن قورقمايمەن، مەڭگۈ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، ئاممىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە ئىشەنچ باغلايمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلمايمەن».

جۇڭخۇا مىللىتى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى، زور تۈركۈمدىكى ئىشچى، دېھقان، ئوقۇغۇچى، زىيالىيلار بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەگە كىرىش قەسەميادىدا «سىنىپىي كۈرەش» تەكىتلەنمەي، ئورنىغا «ئاممىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش»، «پارتىيەگە ئىشەنچى باغلاش» تەكىتلەندى. ئومۇمىي خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى جەزمەن جاپالىق ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ، كوممۇنىستلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى، پارتىيەنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىشى، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كوممۇنىستلار ئارانلا 40 مىڭدىن ئاشاتتى. 1945-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ھارپىسىدا، كوممۇنىستلار 1 مىليون 210 مىڭدىن ئاشتى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۆلچەملىك پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى داۋاملىق قوللىنىلدى. قەسەميادلاردا چوڭ-كىچىك ياچېيكا ژۇرناللىرىدا نەشر قىلىنىپ، جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپەيتىپ بېسىلدى. شەھەر، يېزىلاردا ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندا، توختىماي ئوقۇلدى، تارالدى. ۋاھالەنكى، بۇ مەزگىلدە ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى قەسەميادلارمۇ ساقلىنىپ قالدى. 1948-يىلى 13-ئاۋغۇستتىكى «ئاۋانگارت خەۋەرلىرى»دە ئېلان قىلىنغان پارتىيەگە كىرىش قەسەميادىدا تېخىمۇ كونكرېت بايان قىلىندى.

«تەۋرەنمەي، ئاسىيلىق قىلماي، يېرىم يولدا مۇرەسسە قىلماي، خىيانەت قىلماي، چىرىكلەشمەي، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك نامىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئالىيجاناب پەزىلەت بىلەن خەلق ئۈچۈن ئاداققىچە خىزمەت قىلىمەن، پارتىيەگە ھەرگىز ئاسىيلىق قىلمايمەن» (1948-يىلىدىكى «ئاۋانگارت خەۋەرلىرى»دىن ئېلىندى).

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى توغرىسىدا بىر تۇتاش بەلگىلىمە چىقىرىلمىدى. بۇ مەزگىلدە، كۆپلىگەن «ئۆز ئالدىغا تۈزۈلگەن قەسەميادلار» بارلىققا كەلدى، كونكرېت ئادەملەر كونكرېت شارائىتتا، مەسىلەن، زاۋۇتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىدە، جەڭ سېپىدە قەسەم بېرىشنى خالايدىغانلار قەسەميادنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ بولاتتى.

1982-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيىدا، پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى يىغىنچاقلىنىپ، تۇنجى قېتىم «جۇڭگو كومپارتىيەسى نىزامنامىسى»غا كىرگۈزۈلدى ھەم «كاندىدات پارتىيە ئەزاسى چوقۇم پارتىيە بايرىقى ئالدىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. جەمئىي 12 جۈملە، 80 خەتلىك پارتىيەگە كىرىش قەسەميادى ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە.

ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان دەسلەپكى پارتىيەگە كىرىش قەسەميادىدا، «پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق» پولاتتەك ئىنتىزام سۈپىتىدە بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىزچىل قوللىنىلدى. پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنىڭ زادى قانچە خىل نۇسخىسى بارلىقىنى توغرا ئىستاتىستىكىلاش ئىنتايىن قېيىن. لېكىن دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەگە سادىقلىق بولۇش نۇقتىسىدىن «پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق» قەسىمى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى دەل مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادى، سادىقلىقى ۋە تۆھپە قوشۇشىدىن ۋۇجۇدقا كەلدى، پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ قەسەم بېرىش بىر ئۆمۈر ۋەدە بەرگەنلىك ۋە ۋەدىدە چىڭ تۇرغانلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[قىزىل ئارخىپ]13-قىسىم:يۈز يىللىق قەسەمياد»>

«ئۆزىنى قۇربان قىلىش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئاممىنىڭ ئۈلگىسى بولۇش، پارتىيەگە ئىشەنچ باغلاش»