ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇاڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 08:23

 

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىغا بېرىپ، جۇاڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، 3-مارت «ناخشا ئېيتىشىش بايرىمى» جۇاڭزۇلار ناخشا ئېيتىشىشى قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيى گۇاڭشىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى مەخسۇس تېما قىلغان مۇزېي بولۇپ، ئاساسلىقى گۇاڭشىدا ئەزەلدىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن 12 مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يىغىپ ساقلايدۇ، تەتقىق قىلىدۇ ۋە كۆرگەزمە قىلىدۇ، مىس دۇمباق، مىللىي توقۇلما بۇيۇملار قاتارلىق ساقلانغان بۇيۇملار 50 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ. 

جۇاڭزۇلارنىڭ 3-مارت «ناخشا ئېيتىشىش بايرىمى» يەنە «ناخشا پەرىسى بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇاڭزۇلارنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇاڭزۇ ئاممىسى بەش خىل رەڭلىك نومى گۈرۈچى تامىقى ئېتىپ، نەزىر-چىراغ قىلىپ بەخت تىلەيدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلايدۇ، بولۇپمۇ ناخشا ئېيتىشىشتا ياش ئوغۇل-قىزلار تاغ باغرىدا، چىملىقتا تاغ ناخشىسى ئېيتىشىدۇ، نەق مەيداندا ناخشا توقۇپ ئېيتىدۇ، ناخشا ئارقىلىق دوستلىشىدۇ، ناخشا ئارقىلىق مۇھەببىتىنى بىلدۈرىدۇ.

3-مارت «ناخشا ئېيتىشىش بايرىمى» جۇاڭزۇلارنىڭ مۇھىم بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە گۇاڭشىدىكى ياۋزۇ، مياۋزۇ، دۇڭزۇ، مۇلاۋ، ماۋنەن قاتارلىق ئەزەلدىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بايرىمى بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇاڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىغا بېرىپ، جۇاڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى،