ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستاندا 6.2 بال يەر تەۋرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-29 09:52

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 28-ئاپرېل سائەت 10دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ھىندىستان (شىمالىي كەڭلىك 26.76 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 92.50 گىرادۇس) دە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ تېز خەۋەرلەر گېزىتى ئارقىدىنلا مىكرو بىلوگ يوللاپ مۇنداق دېدى: تەۋرەش مەركىزى بىلەن ئېلىمىزنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 17 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر تەۋرەشتە شىزاڭدىكى لىنجىنىڭ تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى، شىزاڭنىڭ شەننەن، لاسا قاتارلىق جايلىرىدا يەر تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

 

 

 

 

ھىندىستان تاراتقۇلىرى

«بۈگۈنكى ھىندىستان»نىڭ خەۋىرىدىن كەسمە

«بۈگۈنكى ھىندىستان»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. ئاسسام ئىشتاتى ۋە شەرقىي شىمال قىسمىدىكى باشقا رايونلاردا تەۋرەش سېزىمى بولغان. 

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىنىڭ كەسمە سۈرىتى

 

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان (ئاسسام ئىشتاتى) تىسپۇر ئەتراپىدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، تەۋرەش مەنبەسى تېسپۇرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىكەن. 

ئاسسام ئىشتاتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى سالما (Himanta Biswa Sarma) فاتتې مۇنداق دېگەن: « ئاسسام ئىشتاتى ئەمدىلا بىر قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈردى»

ئارقىدىن سارما يەنە يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. 

 

بەزى تورداشلار ھەممە ئادەمنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى تىلىدى.

 

بەزى تورداشلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىمۇ تەۋرەش سېزىمى بولغانلىقىنى ئېيتقان: «مېگارايا ئىشتاتىدىمۇ تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى».

ھىندىستاندىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇم دولقۇنى باشلانغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقاندەك قىلىدۇ: «ياق! بۇنداق قىلماڭ! بىز تەبىئەت ئانىمىزنى نابۇت قىلدۇق.» دېدى. 

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ مىكرو بىلوگىدا بىر تورداش مۇنداق دېدى: لاسادا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولدى، لىنجى، مىلىندا تەۋرەش سېزىمى بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستاندا 6.2 بال يەر تەۋرىدى

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 28-ئاپرېل سائەت 10دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ھىندىستان (شىمالىي كەڭلىك 26.76 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 92.50 گىرادۇس) دە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.