ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاراقكەش مۇئاۋىن باش تەپتىش قولغا ئېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-30 08:24

 

 

 

 

بۇ چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى جيا شياۋگاڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن چاغدىكى كۆرۈنۈش.

جيا شياۋگاڭ ئۆزىگە تونۇش ھەم ناتونۇش كويزىغا قاراپ، بۇنى گويا بىر چاقچاقتەك ھېس قىلدى. ئاپتوموبىلغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا باقتى، ئۆزىنىڭ تىزگىنسىز ھەم ئەسەبىي ئۆتمۈشى بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. 

 

 

 

【نەق مەيداندا تەكشۈرۈش】

 دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانى 

دېلو بېجىرگۈچى خادىم: بۇ بىز جيا شياۋگاڭنىڭ ئۆيىدە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ھاراقنىڭ پەقەت بىر قىسمى، ساقلانغان ھاراقنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، بىز جەمئىي 880 بوتۇلكا، يەنى جەمئىي 140 يەشىكتىن ئارتۇق ھاراقنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ ھاراقلار ئىچىدە ئۇزۇن يىل ساقلانغان ھاراقلار، مۈچەل ھاراقلار بىر قەدەر كۆپ، بۇلارنىڭ باھاسى نۆۋەتتىكى بازار باھاسىدىن يۇقىرى.

يەنە بەزى ئالاھىدە ھاراقلار بار، مەسىلەن، بۇ ئىككى بوتۇلكا ھاراققا ئوخشاش، ئۇ ئوخشاش بولمىغان مۈچەل سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھاراقلار. مانا بۇ 12 جىڭلىق ھاراق بولۇپ، بۇمۇ بىر قەدەر ئالاھىدە ھاراق ھېسابلىنىدۇ. 

مۇخبىر: ئالتە لىتىر ئىكەن.

دېلو بېجىرگۈچى خادىم: يەنە بۇ ھاراقلارغا قاراڭ، بۇ ھاراقلارنى كىشىلەر ئۇنىڭغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرگەن، يەشىكىگە ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قەلەم بىلەن ئەۋەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سىزىۋەتكەن ياكى ئۈستىگە سىر چېچىۋەتكەن.

مۇخبىر: بايا بىز ئىچىدىكى ئۆيدە كۆرگەن ھاراقلار بىلەن بۇ ئۆيدىكى ھاراقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ساقلىغان ھاراقلارنىڭ پەقەت بىر قىسمى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ 

دېلو بېجىرگۈچى خادىم: شۇنداق، بىر قىسمى، ئۇ يەنە بىر قىسمىنى ئىچىپ تۈگەتكەن.

رىياسەتچى: بەلكىم بەزىلەر، شۇنچە كۆپ ھاراق يىغىپتۇ، بۇلارنى ئىچىپ بولالامدىكىنە دەپ سورىشى مۇمكىن. 

جيا شياۋگاڭ چىڭخەيگە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھاراق ئىچكەن. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بەزىدە ئىككى سورۇندا، بەزىدە ھەتتا ئۈچ سورۇندا ئىچكەن. ھەر كۈنى خىزمەت ۋاقتىدا، كەچلىك ھاراق سورۇنىنىڭ خىيالىنىلا قىلغان. قىسقىسى، ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھاراق ئىچىش، مەستلىكتىن يېشىلىش، يەنە ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆتكەن.

 

 

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ھاراقكەش مۇئاۋىن باش تەپتىش قولغا ئېلىندى

    جيا شياۋگاڭ ئۆزىگە تونۇش ھەم ناتونۇش كويزىغا قاراپ، بۇنى گويا بىر چاقچاقتەك ھېس قىلدى. ئاپتوموبىلغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا باقتى، ئۆزىنىڭ تىزگىنسىز ھەم ئەسەبىي ئۆتمۈشى بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.