ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ "مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە" تەھرىر بۆلۈمىگە جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-11 16:43

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ماي «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ بارلىق مۇھەررىرلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلىنى ياخشى چىقىرىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، نەچچە ئەۋلاد مۇھەررىرلەر توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەۋلاد-مۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقاتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك شۆھرەت قازاندى، سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلارنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشتە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن، قانداق قىلغاندا جۇڭگو يولىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرغىلى، جۇڭگو روھىنى تېخىمۇ ياخشى نۇرلاندۇرغىلى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ زور تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىش-پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا موھتاج. يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلمىي ژۇرناللار ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىلىم ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەن سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەندۇڭ داشۆسى «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» ژۇرنىلى 1951-يىلى 5-ئايدىن تارتىپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى نۆۋەتتە نەشر قىلىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇنىۋېرسال ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى. يېقىندا، «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ بارلىق مۇھەررىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، 70 يىلدىن بۇيانقى ژۇرنال چىقىرىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش، ژۇرنالنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ "مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە" تەھرىر بۆلۈمىگە جاۋاب خەت يازدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ماي «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ بارلىق مۇھەررىرلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلىنى ياخشى چىقىرىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.