ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىككى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا بۆسۈپ كىردى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 08:44

ئەسلىي تېمىسى: ئىككى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا بۆسۈپ كىردى! ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر يېقىنلاپ كەلدى! تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن 17 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئۇدا بەش كۈن يامغۇر ياغىدۇ! 

"شىنجاڭنىڭ ياز پەسلى تاغ ھاۋاسىدەك ئۆزگىرىشچان بولىدۇ" دېگەن گەپ راست! بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ئىدى، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، ئۆيدىن چىقىپ بەش مىنۇت بولمايلا تەرلەپ كېتىۋېدۇق، تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ چىلىق-چىلىق سۇ ئىچىدە قالدۇق. 
بۇ ھەپتىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاپتونوم رايوندا ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىسقا ۋاقىت كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات 

 

 

ئىككى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ 

پۈتۈن شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

11-ماي كېچىدىن 12-ماي كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ 

12-ماي كېچىدىن 13-ماي كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. 

ئۈرۈمچى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات:

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا يامغۇر ياغىدۇ ھەمدە ئۈچ-تۆت بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەنلەيدۇ. پەيشەنبە كۈنى كۈندۈزدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەقەت 18 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئەتە كۈندۈزدىكىگە قارىغاندا 10 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىن تۆۋەنلەيدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىستانسىسى 2021-يىل 10-ماي سائەت 18دە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، توزانلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. 

دىققەت!

 بۇنداق مۇھىم ئىشنى تەكرار دەپ ئولتۇرمايمىز! 

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ! قىسمەن رايونلاردا ئۇدا بەش قېتىم يامغۇر ياغىدۇ، يېقىندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا روشەن تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.

كەلگۈسى يەتتە كۈندە شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايى تۆۋەندىكىدە بولىدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 18 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. 

سانجى: تۆت كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. 

ئالتاي: تۆت كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 15 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 9 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

چىڭگىل: بەش كۈن يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 22 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 14 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.▼

غۇلجا: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.▼

شىخەنزە: بەش كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.▼

چۆچەك: ئۈچ كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.▼

كورلا: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 20 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 12 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

قەشقەر: ئۈچ كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 14 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 17 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

بورتالا: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.▼

ئاقسۇ: كەلگۈسى يەتتە كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 20 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 13 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

قاراماي: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 27 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.▼

قومۇل: ئۈچ كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 23 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.▼

خوتەندە: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 23 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 10 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

كۇيتۇن: ئۈچ كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

ئارال: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 21 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 12 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ.▼

تۇرپان: كەلگۈسى يەتتە كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 30 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 7 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ▼

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىككى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا بۆسۈپ كىردى!

ئىككى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا بۆسۈپ كىردى!