ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇنەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 16:47

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچكە ئىگە قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. خۇنەن ئۆلكىسى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى باشتىن ئاخىر تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا ئېغىشماي ياخشى مېڭىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ يېڭى تۈسكە، تېخىمۇ يېتەرلىك كۈچكە ئىگە قىلدى.  

6-ئاينىڭ بېشىدا خۇنەن جۇجۇۋنىڭ چىڭشۈيتاڭ رايونىغا جايلاشقان شەھەر باغچىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئومۇمىي كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سۈنئىي كۆلگە لىق سۇ قاچىلاندى، كامفورا دەرىخى، ئوسمانتۇس گۈلى قاتارلىق كۆچەتلەر كۆلنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

بۇ يېشىللىق ئاسان قولغا كەلمىدى. جۇجۇ چىڭشۈيتاڭ كونا سانائەت رايونىغا ئىلگىرى نەچچە يۈزلىگەن مېتال تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى توپلانغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشاتتى. يەرلىك كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، خىمىيە سانائىتى، مېتال تاۋلاش ۋە ئالاقىدار كارخانىدىن 261نى تاقىدى ۋە ئىشتىن توختاتتى ھەمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇردى.

2013-يىلى خۇنەن ئۆلكىسى شياڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى بىرىنچى نومۇرلۇق مۇھىم قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى. سەككىز يىلدىن بۇيان، شياڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى تارىختىن بۇيان مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر رايونلار تۈپتىن يېڭىلاندى. خۇنەن شياڭجياڭ دەرياسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، «بىر دەريا، بىر كۆل، تۆت ئېقىن»نى بىرلىكتە تۈزەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرى شياڭيىن ناھىيەسىدە ئىلگىرىكى پاكار ئۆسكەن ئورمان بىلەن قاپلانغان ياڭشا كۆلى ھازىر سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل، بېلىقلار بەھۇزۇر ئۈزىدىغان نەم يەرگە ئايلاندى. نەم يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسى يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىكىدىن چىققان پاسكىنا سۇنى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇردى، شۇ جاينىڭ بېلىق بايلىقى كۈنسېرى كۆپەيدى، سۇ قۇشلىرىنىڭ ماكانىمۇ ئەسلىگە كەلدى. تېرىلغۇدىن ئورمانغا، نەم يەرگە قايتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دۇڭتىڭخۇ كۆلى سۇ سىستېمىسىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، خۇنەننىڭ 211 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنىدا ئورمان، ئوتلاق ۋە نەم يەر پۈتۈن ئۆلكە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %71.67نى ئىگىلىگەن. 2020-يىلىغىچە خۇنەننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %59.96كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. يېشىل بولۇش خۇنەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يارقىن تۈسىگە ئايلانماقتا. 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    خۇنەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

    ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچكە ئىگە قىلدى