ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچى، تۇرپانغا ساياھەتكە بارىدىغانلار دىققەت!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 08:41

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىگە قاراشلىق رۈيئەن شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرىدىمۇ چېگرا سىرتىدىن كەلگەن بىر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىندى (ئىلگىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ شىئەندە ئالماشقان). يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنداقتا، ئۈرۈمچىنىڭ سىرتتىن بارغانلارغا قاراتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ 

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرى، فوشەن شەھىرى، جەنجياڭ شەھىرىگە قاراشلىق ۋۇچۈەن شەھىرى، شېنجېن شەھىرىنىڭ يەنتيەن رايونى ۋە لۇڭگاڭ رايونى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىگە قاراشلىق رۈيئەن شەھىرى ۋە لۇڭگاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بارغانلار ئۈرۈمچىگە بارسا مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىدىكەن، باشقا جايلاردىن بارغانلار يېشىل رەڭلىك ساغلاملىق كودىغا ئاساسەن نورمال يۈرەلەيدىكەن.

13-ئىيۇن، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ساياھەت ئاپپاراتلىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، شەنشى شىئەن، شەنشى ئەنكاڭ، جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭغا بارغان ساياھەتچىلەرنى بىردەك قوبۇل قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان (15-ئىيۇن مۇھەررىر مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى). 

باشقا جايلاردىن بارغان نورمال ساياھەت ئۆمەكلىرى تۇرپانغا بارماقچى بولسا تۆۋەندىكى 4 شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك ئىكەن: 

1. ئالدىن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغاندا ئۆمەكنىڭ مۇساپە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، تۇرپان شەھىرىگە كىرمەكچى بولغان ئۆمەكلەرنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا پائالىيەت قىلغانلىق ئىزى بولۇشى كېرەك. 

2. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۇرپان ساياھەت ئۆمىكى ئالدىن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش توپىدا 3 كۈن بۇرۇن يوللاش كېرەك (چوقۇم توپقا يوللانغان Excel جەدۋەل ئۆرنىكى بويىچە بارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشى كېرەك)، تەلەپ بويىچە ئۇچۇرلارنى يوللىماي تۇرۇپ تۇرپانغا بارغان ئۆمەكلەر ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ؛  

3. شىنجاڭدا سەپەر قىلىدىغان بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ 7 كۈن ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بولۇشى كېرەك؛ 

4. ئاز دېگەندە 3 كۈن بۇرۇن «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئەپچىسى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا ئالدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

5. بارلىق ساياھەت كوپىراتىپنىڭ ئۆمەك ئاپتوموبىللىرى تۇرپاننىڭ يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەق ئېلىش پونكىتى نۇقتىسىدىن تۇرپانغا كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يولۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەڭشىلىپ تۇرىدۇ، ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماقچى بولسا، ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەنزىل رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى ئالدىن سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچى، تۇرپانغا ساياھەتكە بارىدىغانلار دىققەت!

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىگە قاراشلىق رۈيئەن شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرىدىمۇ چېگرا سىرتىدىن كەلگەن بىر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىندى