ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يوشۇرغان كىشى تۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-19 11:13

17-ئىيۇن سائەت 0 دىن 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇ بىمار فوشەن شەھىرىدە دوكلات قىلىندى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  17-ئىيۇن سائەت 0دىن 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، بۇ بىمار فوشەن شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن سەككىز بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، بۇلارنىڭ ئىككىسى گۇاڭجۇدا دوكلات قىلىنغان، ئىككىلىسى ياپونىيەدىن كەلگەن؛ شېنجېندا تۆتى دوكلات قىلىنغان، ئىككىسى جەنۇبىي ئافرىقىدىن، قالغان ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كونگو كىنشاسا ۋە ھىندونېزىيەدىن كەلگەن؛ فوشەندە ئىككىسى دوكلات قىلىنغان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا گانا ۋە كامبودژادىن كەلگەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى تۆت، بۇلارنىڭ بىرى گۇاڭجۇدا دوكلات قىلىنغان، بۇ بىمار ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن؛ بىرى شېنجېندا دوكلات قىلىنغان، بۇ بىمار جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن؛ ئىككىسى فوشەندە دوكلات قىلىنغان، ئىككىلىسى كامبودژادىن كەلگەن. يېڭىدىن 11 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

17-ئىيۇن سائەت 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە دوكلات قىلىنغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 2666 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 1109)، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىمار 216 . 

گۇاڭجۇدىكى ئۈچ جاينىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى 

گۇاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 17-ئىيۇن كەچتە مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى رايونغا، دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، 17-ئىيۇندىن باشلاپ، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەلدى: لىۋەن رايونى جۇڭنەن كوچىسى يۇقىرى خەتەرلىك رايوندىن تۆۋەن خەتەرلىك رايونغا تەڭشەلدى؛ لىۋەن رايونى دۇڭچى كوچىسى، چۇڭكۇ كوچىسى ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك رايوندىن تۆۋەن خەتەرلىك رايونغا تەڭشەلدى؛ باشقا رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئۆزگەرمىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 2-ئىيۇن سەھەردە، گۇاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى خەۋەر بېرىپ، لىۋەن رايونى بەيخېدۇڭ كوچىسى، جۇڭنەن كوچىسىنىڭ ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك رايوندىن يۇقىرى خەتەرلىك رايونغا تەڭشەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت لىۋەن رايونى فاڭسۈن تارماق رايونىنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى تەڭشىدى، فاڭسۈن تارماق رايونىدا بۇ رايوندىكى كىشىلەر بۇ رايوندىن ئايرىلماسلىق، سىرتتىن كەلگەنلەرنى كىرگۈزمەسلىك تەدبىرى قوللىنىلدى؛ ئاممىۋى سورۇنلار قاتتىق باشقۇرۇلدى، رايون ئىچىدىكى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار، يېپىق تىجارەت سورۇنلىرى ۋاقىتلىق تاقالدى؛ فاڭسۈن تارماق رايونىدا ماددىي ئەشيا توشۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئاپتوموبىللىرى ھەم خىزمەتچى خادىملاردىن باشقا ئاپتوموبىل، ئادەملەرنىڭ كىرىپ-چىقىشى قاتتىق چەكلەندى.

يەنى ئەسلىدىكى يېپىق رايوندىكى ئۈچ كوچا ئاھالىسى ئىچىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇۋاتقان تۆت بۆلەك رايون ۋە ئۈچ نۇقتىدىكى ئاھالىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئاھالىلەر فاڭسۈن رايونى دائىرىسىدە مال سېتىۋالسا ۋە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قىسمەن نۇقتىلىق رايونلار ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر بەلگىلىك ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى.

گۇاڭجۇدىكى بىر ئەر كىشى ئۇچرىشىش تارىخىنى يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك 400گە يېقىن كىشى ئايرىپ كۆزىتىلدى

گۇاڭدۇڭ تەپتىش مەھكىمىسى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 17-ئىيۇن يۇقۇمغا چېتىشلىق جىنايەتكە زەربە بېرىشكە دائىر 3-تۈركۈمدىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونىدىكى جۇ x نىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈشكە چېتىشلىق دېلوسى تىلغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە، جۇ X بەلگىلەنگەن ئورۇندا داۋالانماقتا، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. 

بۇ كىشىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 

جىنايەت گۇماندارى جۇ x، ئەر، 55 ياش، گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونىدا مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرىدۇ. 

2021-يىلى 25-ماي چۈشتىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى جۇ X گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىۋەن رايونى بەيخېدۇڭ كوچىسىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونغا بېرىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغان، كېيىن ئوغلىنى ئېلىپ گۇاڭگاڭ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەتكەن، ئارقىدىن فەنيۈدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە، جۇ X نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەيدانى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

28-ماي، جۇ X زۇكام بولۇپ قالغان، لېكىن ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانماي، ئۆيىدە دورا ئىچكەن.

29-ماي، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىۋەن رايونى بەيخېدۇڭ كوچىسى ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن.

30-ماي، جۇ X  نىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

2-ئىيۇن سەھەردە، لىۋەن رايونى بەيخېدۇڭ كوچىسىنىڭ خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى خەتەرلىك رايون قىلىپ تەڭشەلگەن.

2-ئىيۇندىن 4-ئىيۇنغىچە، جۇ X  ئىككى قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەن، تەلەپ بويىچە 14 كۈن ئىچىدىكى ھەرىكەت تارىخىنى ئەينەن تولدۇرمىغان ۋە دوختۇرغا بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرمىغان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە يۇقۇم يۈز بەرگەن رايونغا بارغانلىق پاكىتىنى يوشۇرغان. 

3-ئىيۇن، جۇ X  تىن 31-ماي ئالغان نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.

6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋۇچۈەن شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىگە ئۆزلىرىگە قاراشلىق رايوندىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار رۇڭ X نىڭ 31-مايدىن بۇرۇن فەنيۈ رايونىغا بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونلۇق تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دەرھال رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇ x نىڭ رۇڭ x بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلىقىنى بايقىغان. فەنيۈ رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى دەرھال جۇ x نى ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللانغان ھەمدە نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرگەن.  

6-ئىيۇن سائەت 23تە، جۇ x نىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. 

7-ئىيۇن، جۇ x كە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئايرىپ داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلغان.

6- ئىيۇن جۇ x نى ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونى داشىجې كوچىسى تەۋەلىكىدىكى دوختۇرخانا، قولاي ماگىزىن، مىلىچمال دۇكىنى، مېۋە-چېۋە دۇكىنى، توپ مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغان، نەتىجىدە يېقىندىن ئۇچراشقان 167 ئادەم، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقان 225 ئادەمنى ئايرىپ كۆزىتىش، ئائىلىدە ئايرىپ كۆزىتىشكە توغرا كەلگەن، ئېغىر يۇقۇم خەتىرى پەيدا قىلغان.

8-ئىيۇن، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى فەنيۈ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جۇ x نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان.

شۇ كۈنى، گۇاڭجۇ شەھىرى فەنيۈ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلوغا مۇددەتتىن بۇرۇن ئارىلىشىپ، بۇ دېلودىكى قانۇننى تەتبىقلاش، تەھقىقلەپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش يۆنىلىشى، قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇ X نى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

نۆۋەتتە، داۋالاش خادىملىرى جۇ X نى ئايرىپ داۋالىماقتا، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يوشۇرغان كىشى تۇتۇلدى

17-ئىيۇن سائەت 0 دىن 24 كىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر يەرلىك بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇ بىمار فوشەن شەھىرىدە دوكلات قىلىندى