ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇربان ھېيت ئالدىدا بۇ ئۇچۇرلارنى بىلىۋېلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-18 10:20

 

    قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يەتتە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرىدۇ، بۇ يەردە سىزنىڭ سەپەرگە چىقىشىڭىزغا پايدىلىق «گۆھەر»لەر بار، كۆرۈپ قويۇڭ!

بايرام مەزگىلىدە ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى، ھەق ئېلىش پونكىتلىرى

    شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، كونكرېت ھەق كەچۈرۈم قىلىنىش ۋاقتى 20-ئىيۇل سائەت 0دىن 22-ئىيۇل سائەت 24كىچە بولىدىكەن. ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. ھەقسىز قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ دائىرىسى يەتتە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ئىكەن. 

قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى يول تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى 

(1) يول تورىنىڭ ئېقىم مىقدارى ھەققىدىكى مۆلچەر 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ قاتناش مىقدارى سانلىق مەلۇماتى ۋە قاتناش سىستېمىسى قاتناش مىقدارى سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدا، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشى بىر قەدەر مۇقىم بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2021-يىلى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنىڭ قاتناش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 220 مىڭغا، يەتتە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 730 مىڭغا، يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 787 مىڭ ئادەم \ قېتىمغا يېتىدىكەن. 

(2) تاشيول قاتنىشىنىڭ يۇقىرى پەللە ۋاقتى ھەققىدىكى مۆلچەر 

    يىللاردىن بۇيانقى قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى يول يۈرۈش ئەھۋالى، شۇنداقلا بۇ يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن چىقىش يۆنىلىشى ۋە دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىش يۆنىلىشىدىكى قاتناش بېسىمى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، 19-ئىيۇل سائەت 17:00دىن 21:00گىچە بولغان ئارىلىقتا شەھەردىن چىقىدىغان تۇنجى كىچىك يۇقىرى پەللە يېتىپ كېلىدىكەن، 20-ئىيۇل سائەت 9:00دىن 14:00گىچە شەھەردىن چىقىش ئىككىنچى يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن، 21-ئىيۇل قاتناش ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولىدىكەن،  22-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 14 تىن 20 گىچە بولغان ئارىلىقتا قايتىش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن. 

(3) ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلىكى ۋە ھەق ئېلىش پونكىتى 

    قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىش، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش ئېھتىياجى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرى ۋە ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئاسانلا ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاش، توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 

 

    ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى G30 لىنىيەسى سانجى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىغىچە بولغان يول بۆلىكى، G30 لىنىيەسى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغىچە بولغان يول بۆلىكى، G30 لىنىيەسى (ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى)K3472  100(پارچىساغال مۇلازىمەت رايونى) يول بۆلىكىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى. 

 

(4) ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان مەنزىرە رايونى يول بۆلىكى 

    7-ئاي شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، تۆۋەندىكى مەنزىرە رايونى يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىل توسۇلۇش ياكى سۈرئىتى ئاستىلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 

    G217 لىنىيەسى بۇرچىندىن قاناس مەنزىرە رايونىغىچە بولغان يول بۆلىكى، S226 لىنىيەسى كۆكتوقايدىن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغىچە بولغان يول بۆلىكى، S116لىنىيەسى (ئۈرۈمچى-نەنسەن لىنىيەسى) ئۈرۈمچىدىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىگىچە بولغان يول بۆلىكى (نەنسەن ئېكولوگىيە ساياھەت بازىسى)، G314 لىنىيەسى (ئۈرۈمچى-قونجىراپ لىنىيەسى) تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى يول بۆلىكى، G217 لىنىيەسى مايتاغ- خاشىلېگېن تونېلى چىقىش ئېغىزى يول بۆلىكى (مايتاغ-كۇچا تاشيولى)، G312 لىنىيەسى سايرامنىڭ غەربىدىن قورغاس شەھىرىگىچە بولغان يول بۆلىكى، G218 لىنىيەسى قورغاستىن نارات تاغ ئېغىزىغىچە بولغان يول بۆلىكى، G314 لىنىيەسى كورلا مەنزىرە رايونى بۆلىكى.

بايرام مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار 

    (1) قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، مۇداپىئەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، سىرتقا چىقماقچى بولغانلار، چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىشى، توپلىشىش ۋە ئوپچە تاماق يېيىشتىن ساقلىنىشى، ھەر خىل قاتناش -تىرانسپورت بېكىتى، قاتناش تەكشۈرۈش ئېغىزى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرگەندە تەلەپ بويىچە «ساغلاملىق كودى»نى چىقىرىپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    (2) قۇربان ھېيت مەزگىلىدە سەپەرگە چىقماقچى بولغانلارغا، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىلغا بېنزىننى يېتەرلىك قاچىلىشىنى، ئەگەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسا، يېتەرلىك زەرەتلىشىنى، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا ETC ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ھەق ئېلىش پونكىتى ئورناتقان قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە قاتناشنى يېتەكلەش بەلگىسى بويىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆچرەت بىلەن تەرتىپلىك ئۆتۈشى كېرەك. 

    (3) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىش ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش جەريانىدا، ھەرقايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۇچۇرى ۋە تاشيول بويىدىكى ئۆزگىرىشچان ئاخبارات تاختىسى ئەسكەرتمە ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

    (4) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىپ قاتناش توسۇلۇپ قېلىش، سۈرئەت ئاستىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئالدىراقسانلىق قىلماي، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، نەق مەيداندىكى قوماندانلىققا بويسۇنۇپ ۋە ماسلىشىپ، تەرتىپ بىلەن ئۆچرەت بويىچە يول يۈرۈش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋالماسلىق، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يىراقلاپ كەتمەسلىك كېرەك. قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، نەق مەيداندا ھادىسە جاۋابكارلىقىنى تالاشماسلىق كېرەك، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاپتوموبىل كېلىدىغان يۆنىلىشتىكى 150 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك. ھادىسە يۈز بەرگەندە، ئاپتوموبىلنى يول بويىغا توختىتىش، ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈشتىن ئىبارەت تۆت تەلەپكە ئەمەل قىلىش كېرەك. 

    (5) يولدا تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلگەندە، شوپۇر ۋە يولۇچىلار 110، 12122، 12328 غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ. ETC نى قوللىنىش جەريانىدا مەسىلىلەرگە يولۇققانلار ETC  نازارەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى 96200 گە تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇربان ھېيت ئالدىدا بۇ ئۇچۇرلارنى بىلىۋېلىڭ!

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يەتتە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرىدۇ، بۇ يەردە سىزنىڭ سەپەرگە چىقىشىڭىزغا پايدىلىق «گۆھەر»لەر بار، كۆرۈپ قويۇڭ!