ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۇكان ئېچىشقا بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-20 08:50

ئەسلى تېمىسى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۇكان، تاللا بازىرى ئېچىشقا بولمايدۇ 

  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تۆت تارماق بىلەن بىرلىكتە «ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مەكتەپ بەرپا قىلىش كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «كۆرسەتمە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش، مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

    «كۆرسەتمە»دە تەتبىقلىنىش دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىدە قوللىنىلىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، بالىلار باغچىسى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىدە پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. 

    «كۆرسەتمە» دە ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى بەلگىلەندى. 

    بىرىنچى، ساغلاملىق تەربىيەسى. بۇ ساغلاملىق تەربىيەسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق تەربىيەسى دەرس بايلىقىنى كېڭەيتىش، ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەخسۇس (قوشۇمچە) ۋەزىپىلىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش ھەم مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەرنى قەرەللىك قوبۇل قىلىش، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاساسىي تېمىلىق ساغلاملىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى. ئاساسلىقى مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تاماق بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەكتەپ ئاشخانىسى «پاكىز ئاشخانا، پاكىز ئوچاق» ۋە تاماق تەقسىملەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىللە غىزالىنىش تۈزۈمى ۋە ئاتا-ئانىلار بىللە غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    ئۈچىنچى، تاماق ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئوقۇغۇچىلار تامىقىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى، پىشۇرۇش ئۇسۇلى، مەخسۇس (قوشۇمچە) ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىك خادىملىرىنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر قويۇلدى. 

    تۆتىنچى، ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزىتىش. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىش، قاراتمىلىققا ئىگە، ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    بەشىنچى، تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش. ئاساسلىقى تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مەكتەپلەردە تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى ۋە قائىدىسىنى تۈزۈش، مەكتەپلەردە تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بىلىملىرى ھەمدە ماھارىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە بۇ جەھەتتە تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    ئالتىنچى، ھەرىكەت كاپالىتى. ئوقۇغۇچىلاردا ھەرىكەت ئىدىيەسى تۇرغۇزۇش ۋە توغرا ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان، ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىش، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ساغلاملىق بويىچە تەربىيەلەش ۋە باھالاش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. 

    يەتتىنچى، پاكىز مۇھىت بەرپا قىلىش. مەكتەپ مۇھىتى تازىلىقى، كۆز ساغلاملىقى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆگىنىش مۇھىتى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز، يېتەرلىك، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قايناق سۇ ياكى بىۋاسىتە ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش، قول يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ياكى لازىمەتلىكلىرىنى سەپلەش، ئىسسىز مەكتەپ قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    «كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۇكان، تاللا بازىرى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت تەلەپ تۆۋەندىكىچە: 

ئالتىنچى باب يېمەكلىك ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش

    25-ماددا  مەكتەپتە دۇكان، تاللا بازىرى قاتارلىق يېمەكلىك تىجارەت سورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشقا، تۇز، شېكەر ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ. تەركىبىدە شېكەر بار ئىچىملىك، تەم تەڭشىگۈچلۈك مەھسۇلات قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلان چىقىرىپ تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ. 

    26-ماددا  مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تاماق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار شۇ جاينىڭ ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك؛ تاماق تىزىملىكى ۋە قورۇما تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، ھەر ھەپتىدە يېمەكلىك تىزىملىكى ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئېلان قىلىشى، تاماق تىزىملىكىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. 

    دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «كۆرسەتمە»نى تۈزۈش ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسىنى ئاممىۋى سىياسەتلەرنى تۈزۈش، يولغا قويۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىچە: 

    1. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىكىگە، ساغلاملىقنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ 

    2. مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بەرپا قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، مەكتەپلەردە ساغلام كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش؛

    3. «ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مەكتەپ»تىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق، مەكتەپتىن ئائىلىگە، ئاندىن جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، توغرا ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە ھەرىكىتىنى تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۇكان ئېچىشقا بولمايدۇ

ئەسلى تېمىسى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۇكان، تاللا بازىرى ئېچىشقا بولمايدۇ