ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۈگۈن قۇربان ھېيت، سىز قەيەردە ھېيت ئۆتكۈزدىڭىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 08:59

 

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا قانداق كۆڭۈل ئېچىش پىلانلىرىڭىز بار؟ قەيەرلەرگە بېرىپ ئوينىماقچىسىز؟ 

 

تۆۋەندە سىز ئۈچۈن ياخشى سوۋغات تەييارلاپ قويدۇق، قېنى مەرھەمەت↓

    شىنجاڭغا كەلگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇنى ناھايىتى تىزلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ تاغلىرى گۈزەل، سۇلىرى سۈزۈك، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل. 

18-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر تىيانشان تېغى باغرىدىكى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئويۇن كۆرمەكتە. بۇ يىل تىيانشاندىكى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم \قېتىمغا يەتتى

    شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل، بىپايان قۇملۇق، چەكسىز چۆل-جەزىرە كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

18-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى «قار بىلەن قاپلانغان تىيانشان» مەنزىرە نۇقتىسىدا ياز پەسلىدىكى ئۆزگىچە قار-مۇزدىن ھۇزۇرلانماقتا

    بۈك-باراقسان بوستانلىقلار، بىپايان ئوتلاقلار كىشىنى چىن كۆڭلىدىن سۆيۈندۈرىدۇ

 

17-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇڭگۈر كۆلىدە سۇ ئۈستى ساياھەت تۈرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا 

    ئەگرى-بۈگرى قارلىق تاغلار، كۆپكۆك كۆللەر كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ

 

17-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا

     مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. 

16-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن كەچلىك بازىرى شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە ساياھىتىدىكى يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى

    شىنجاڭغا كېلىشكە شۇ قەدەر تەلپۈنىسىز، شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەيسىز.

18-ئىيۇل، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

    بۇ يەرگە كېلىپ مېۋە ئۈزۈپ، مول ھوسۇل ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىڭ

سانجى: شاپتۇللۇق يۇرت 

 

 

 

    7-ئاي كىرىشى بىلەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىدىكى 2300مو توغاچ شاپتۇل ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، داشىچۈ بازىرى سىيۈەن كەنتىدىكى توقاچ شاپتۇل ئۈزۈش باغچىسىدا ساياھەتچىلەر شاپتۇل ئۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ، خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى. 

تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى 

    ھازىر تۇرپان شەھىرىدە 570 مىڭ موغا يېقىن تەكلىكتىكى ئۈزۈم پىشتى. 

5-ئىيۇل، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى ياڭخىي شا كەنتىدىكى باغۋەنلەر كىشمىش ئۈزۈم ئۈزمەكتە 

12-ئىيۇل، تۇرپان قارخوجا مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار ئەمدىلا ئۈزگەن ئۈزۈملەرنى ئايرىپ سېۋەتكە قاچىلىماقتا

    12-ئىيۇل، تۇرپان قاراخوجا مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈم ئۈزۈش، ئىلغاش، سېۋەتكە قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 

12-ئىيۇل، تۇرپان قاراخوجا مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار سېۋەتتىكى ئۈزۈمنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا

    بۇ بازىدىكى 300 نەچچە مو ئۈزۈم سوغۇق يۆتكەش زەنجىرى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۆتكەپ سېتىلىدۇ.

بۇ يەرگە كېلىپ چېچەك تاماشاسى قىلىپ، گۈزەل «گۈل-چېچەك دۇنياسى» دىن ھۇزۇرلىنىڭ

كورلا: ئاپتاپپەرەسلىك «ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز»غا ئايلاندى

 

 

 

    12-ئىيۇل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ تاشدەن بازىرىدا، كەڭ كەتكەن ئېتىزدىكى ئاپتاپپەرەسلەر قۇياش نۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. 

چۆچەك: قىچا چېچىكى سارغىيىپ ھەممە يەرنى ئالتۇن رەڭ قاپلىدى 

    7-ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى تارباغاتاي تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان قىچا ئېتىزىدىكى قىچىلار بەس-بەستە چېچەكلىدى. 

پورەكلەپ ئېچىلغان قىچا چېچەكلىرى خۇددى ئۆركەشلەپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك دولقۇنغا ئوخشايدۇ

 

كەڭرى قىچا ئېتىزى خۇددى سۈرەتتەك چىرايلىق تۈسكە كىردى

قىچا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

    ھەممە يەرنى قاپلىغان قىچا گۈللىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

    ئاق رەڭلىك تاغ گۈلى سۇدەك سۈزۈك، ئاددىي ھەم مۇلايىم

ھەسەل ھەرىسى تاغ گۈللىرى ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ ھەسەل يىغماقتا

ساياھەتچىلەر تاغ گۈللىرى ئارىسىدا تەبىئەتنىڭ خۇش پۇرىقىدىن ھۇزۇرلانماقتا

    كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا كەڭ يېيىلغان قىچا چېچەكلىرى خۇددى تاغ ئارىسىدىكى تەبىئىي يېيىلغان ئالتۇن رەڭلىك چېچەك پاياندازغا ئوخشايدۇ، ئۇ تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

ئاخىرىدا، سىلەرگە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا دائىر خىل ئۇچۇرلارنى بەرمەكچى، قېنى مەرھەمەت!  

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش شىنجاڭ ساياھىتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا ۋە ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ خاسلىققا ئىگە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ساياھەت كەسپىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنى سەيلە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئىچىدە، خېلى كۆپ قىسمى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەردۇر. 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاساسىدا سىلەرگە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بېرىمىز:

بارلۇق تېغى تەبىئىي مەنزىرە رايونى

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى 

يىلانباغرى قەدىمىي يولى 

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋاچا يېزىسى تەۋەسىدىكى يىلانباغرى قەدىمىي يولى (10-ئىيۇل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان) 

مايتاغ-كۇچا تاشيولى

     مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ياز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسى (3-ئىيۇل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان) 

G219 چېگرا ساياھەت لىنىيەسى 

لوپنۇرنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىل ئەترىتى (4-ئىيۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى خونۇقاي بازىرىنىڭ سەھرا مەنزىرىسى (20-ئىيۇن تارتىلغان). 

    تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاۋات ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى! 

شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كۆرسەتمە خەرىتىسى

1.مايتاغ-كۇچا تاشيولى: مايتاغدىن كۇچاغىچە
2.قاراقۇرۇم تاشيولى: قەشقەردىن قونجىراپقىچە 
3.ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: ليەنيۈنگاڭدىن قورغاسقىچە 
4.ئىلى-موڭغۇلكۈرە تاشيولى: غۇلجىدىن موڭغۇلكۈرەگىچە
5.تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى: نىيەدىن بۈگۈرگىچە 
6.شات قەدىمىي يولى: شات ئارىشىڭىدىن پوچېڭزىغىچە 
7.قۇم تاشيولى: چوڭقۇردىن قۇمغىچە 
8.تاشقورغان-يەكەن قەدىمىي يولى: تاشقورغاندىن يەكەنگىچە
9.يىلانباغرى قەدىمىي يول: تاشقورغاندىن ۋاچا يېزىسىغىچە

شىنجاڭدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيە جەدۋىلى

پۈتۈن مۇساپە تەخمىنەن: 12 مىڭ  كىلومېتىر، ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى: 36 كۈن

D1: لەنجۇ-لىنزې 550 (KM) 
D2: لىنزې-قۇمۇل 800 (KM) 
D3: قۇمۇل-مورى 400 (KM) 
D4: مورى توغراقلىقىنى بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش 360 (KM) 
D5: مورى-فۇكاڭ 300 (KM) 
D6: فۇكاڭ-كۆكتوقاي 500 (KM) 
D7: كۆكتوقاي-بۇرچىن 300 (KM) 
D8: بۇرچىن-قۇم 260 (KM) 
D9: قۇم-ئاققابا 130 (KM) 
D10: ئاققابا-قابا 140 (KM) 
D11: قابا-بۇرچىن 220 (KM) 
D12: بۇرچىن-قاراماي 350 (KM) 
D13: قاراماي-ئالاتاۋ ئېغىزى 485 (KM) 
D14: ئالاتاۋ ئېغىزى-سايرام كۆلى 170 (KM) 
D15: سايرام كۆلى-غۇلجا 230 (KM) 
D16: غۇلجا-موڭغۇلكۈرە 350 (KM) 
D17: موڭغۇلكۈرە-تېكەس 117 (KM) 
D18: تېكەس-نارات 270 (KM) 
D19: نارات-خوشۇت 350 (KM) 
D20: خوشۇت-تۇرپان 300 (KM) 
D21: تۇرپان-ئۈرۈمچى 200 (KM) 
D22: ئۈرۈمچى-مايتاغ 300 (KM) 
D23: مايتاغ-چولما 200 (KM) 
D24: چولما-بايىنبۇلاق 150 (KM) 
D25: بايىنبۇلاق-كۇچا 260 (KM) 
D26: كۇچا-ئاقسۇ 270 (KM) 
D27: ئاقسۇ-قەشقەر 550 (KM) 
D28: قەشقەردە بىر كۈنلۈك ساياھەت 0 (KM) 
D29: قەشقەر-تاشقورغان 450 (KM) 
D30: تاشقورغان-يەكەن 500 (KM) 
D31: يەكەن-خوتەن 300 (KM) 
D32: خوتەن-نىيە 350 (KM) 
D33: نىيە-بۈگۈر 580 (KM) 
D34: بۈگۈر-لوپنۇر 300 (KM) 
D35: لوپنۇر-چاقىلىق 400 (KM) 
D36: چاقىلىق-خۇاتۇگۇ 350 (KM) 

    بۇ يەردە كۆرۈپ قانمايدىغان مەنزىرە، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئۆرپ-ئادەت، تېتىپ تۈگەتكۈسىز نازۇ-نېمەتلەر بار، قىزغىن ۋە مۇلايىم ئاھالىلەر بار، بۇ يەردە شېئىر ۋە يىراق يۇرتلار بار، بۇ يەر دەل شىنجاڭ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۈگۈن قۇربان ھېيت، سىز قەيەردە ھېيت ئۆتكۈزدىڭىز؟

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا قانداق كۆڭۈل ئېچىش پىلانلىرىڭىز بار؟ قەيەرلەرگە بېرىپ ئوينىماقچىسىز؟