ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى بەش يارقىن نۇقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-22 10:45

 

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 23-ئىيۇل كەچ سائەت 19:00دا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنداقتا، ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىز تەقەززا بولۇۋاتقان قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

1-يارقىن نۇقتا:

تاماشىبىنلار بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا قىزىيدۇ. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە تاماشىبىنلار بولمىسىمۇ، يەنىلا ساليۇت ئويۇنى قويۇلىدىكەن، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرگەن چاغدىكى چۇقان سادالىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن.

2-يارقىن نۇقتا:

تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بايراق كۆتۈرۈپ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىككى تەنھەرىكەتچى. بۇ نۆۋەتلىك توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ھەربىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىككى نەپەر (بىر ئەر، بىر ئايال) تەنھەرىكەتچىسىنىڭ بىرلىكتە بايراق كۆتۈرۈپ ئالدىدا مېڭىشىغا يول قويۇلغان.

3-يارقىن نۇقتا:

قەسەم بېرىش ھالقىسىدا چوڭ پەرق بار. بۇ نۆۋەتلىك توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق، كەمسىتمەسلىك ۋە باراۋەر بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، قەسەم بېرىش ھالقىسىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قەسەم بەرگۈچىلەرنىڭ سانى ئۈچتىن ئالتىگە كۆپەيتىلىدۇ، يەنى ئىككى تەنھەرىكەتچى، ئىككى تىرېنېر، ئىككى رېپىر.

4-يارقىن نۇقتا:

ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئىخچام بولىدۇ.

5-يارقىن نۇقتا:

ئاساسىي مەشئەلگە ئوتنىڭ يېقىلىشى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەشئەلگە ئوتنىڭ يېقىلىشى تاماشىبىنلارنى تەقەززا قىلىدىغان جەريان. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئاساسىي مەشئەلگە ئوتنىڭ يېقىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى.

 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى بەش يارقىن نۇقتا

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 23-ئىيۇل كەچ سائەت 19:00دا ئۆتكۈزۈلىدۇ