ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھە ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-12 09:52

ئەسلى تېمىسى: شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى 

    يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازما تاپشۇرۇقنى مەكتەپ ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولۇش، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە «2+5» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارغا «ئېلاستىك ئىشقا بېرىش-ئىشتىن چۈشۈش تۈزۈمى» يولغا قويۇلىدۇ؛ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى چىڭىتىلىدۇ... 

……

    31-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى، ئائىلە تەربىيەسى چىقىمى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ زېھىن يۈكىنى بىر يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى.

     «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، جايلار، تارماقلارنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 
    «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە جايلاردىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تەدبىرى جايىدا بولمىغان جايلار، تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە مەخسۇس پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تىپىك مىساللارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى.

 

يازما تاپشۇرۇققا سەرپ بولىدىغان ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك 
    «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەر تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا ئائىلە يازما تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن 6-يىللىقىغىچە يازما تاپشۇرۇقنىڭ تاماملىنىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يازما تاپشۇرۇقىنىڭ ئورۇنلىنىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، قىشلىق، يازلىق تەتىللەردىمۇ يازما تاپشۇرۇق ۋاقتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. 

    دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت «2+5» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش، يەنى مەكتەپ ھەر ھەپتىدە بەش كۈن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى سائەت قانات يايدۇرۇش، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى شۇ جاينىڭ نورمال ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدىن بالدۇر بولماسلىق كېرەك. مەكتەپ ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر خىزمەت كۈنى كەچتە مۇزاكىرە سىنىپى تەسىس قىلسا بولىدۇ. مەكتەپلەر دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ۋە تاپشۇرۇق ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، «ئېلاستىك ئىشقا بېرىش-ئىشتىن چۈشۈش تۈزۈمى»نى يولغا قويسا بولىدۇ. 
پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تەستىقلانمايدۇ
   
بۇنىڭدىن كېيىن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن مەكتەپ سىرتىدىكى پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تەستىقلانمايدۇ، ھازىر بار پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات قىلىپ تىزىملىنىدۇ، مەبلەغنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا ھەددىدىن زىيادە كىرىپ كېتىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە بىردەك يول قويۇلمايدۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش، ھاۋالە بويىچە تىجارەت قىلىش، ئىتتىپاق تۈزۈپ زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىش، ئۆزگىرىشچان مەنپەئەت ئەمەلىي گەۋدىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پېيىنى كونترول قىلىشى ياكى ئۇلارغا پاي قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ۋاقتىدا تازىلىنىدۇ. 
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، سالاھىيىتى ئۇيغۇن كەلمەسلىك، باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاش، ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، مەكتەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان ئاپپاراتلار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قايتىدىن تەكشۈرۈپ تىزىملىنىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشى چەكلىنىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ
   
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇنىڭدىن كېيىن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ياكى ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خىراجەتنى دەل جايىدا غەملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتى ئاساسلىقى دەرستىن كېيىن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالاقىدار خادىملارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ھېسابلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتنىشىشتىكى ئىپادىسى ئۇنۋان باھالاش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە ئۈنۈم مائاشىنى تەقسىملەشنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. 
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلاش قىلمىشى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىنىدۇ. 

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىنى پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پوچتا ساندۇقىنى ئېلان قىلدى 

    شىنجاڭنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككىنى يېنىكلىتىش» دېيىلىدۇ)نى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، مەكتەپتىكى تاپشۇرۇققا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى، پوچتا ساندۇقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 
    6-سېنتەبىر، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىگە دائىر پاسسىپ تىزىملىككە ئاساسەن نازارەت قىلىپ، پائال كونكرېت دەلىل-ئىسپات، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى قارشى ئالىمىز. 
    پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: خىزمەت كۈنى سائەت 10:00-14:00، 16:00-20:00؛ باشقا پاش قىلىش يوللىرى 24 سائەت ئوچۇق.

 

    شىنجاڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىگە دائىر پاسسىپ تىزىملىكنى ئېلان قىلدى 

    31-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان پاسسىپ تىزىملىك قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى: 

1.قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغان تۈرلەر (10 تۈرلۈك)

    ئائىلە باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، تاپشۇرۇققا قول قويۇشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ئۆرلەپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى بويىچە مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تەرەپلىمە باھا بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى، بىلىم تولۇقلاش سىنىپى، تەپەككۇر مەشىقى كۇرسى قاتارلىق ناملار بىلەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى تور سىرتىدا پەنلەر (چەت ئەل تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بويىچە تەربىيەلەش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 

    مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ يىغىپ يۈرۈشتۈرۈلۈشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ، ئالدىن تەربىيەلەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    پەن تۈرىدە بولمىغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ھەرقانداق شەكىلدە چېگرا سىرتىدا ئوقۇتىلىدىغان دەرس بىلەن تەمىنلەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    چېگرا سىرتىدىكى چەت ئەللىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

    ھەرقانداق باھانە، ھەرقانداق شەكىل بىلەن مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ۋە ئالدىن ھەق ئېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 

2. يول قويۇلمايدىغان تۈرلەر (19 تۈرلۈك)

    ئوقۇغۇچىلاردىن تاپشۇرۇقنى ئۆزى تەستىقلاپ، ئۆزى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا يول  قويۇلمايدۇ. 

    ئائىلە تاپشۇرۇقىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا، تەكرار، جازالاش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

    مەكتەپلەر دەرس سائىتىنى خالىغانچە كۆپەيتسە ياكى ئازايتسا، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرسا، سۈرئەتنى تېزلەتسە بولمايدۇ. 

    باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاللاش خاراكتېرلىك ياكى ئۆرلەپ ئوقۇشقا باغلانغان بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىشقا بولمايدۇ. 

    مۇددەتتىن بۇرۇن دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان سوئالى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا يول قويۇلمايدۇ، نومۇرغىلا قاراش خاھىشىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. 

    دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى دەرس سۆزلەشكە بولمايدۇ.

    پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بازاردا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە بىردەك يول قويۇلمايدۇ. 

    پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكى بازىرى ئارقىلىق توپلىغان مەبلەغنى پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا سېلىشىغا بولمايدۇ. 

    پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي تارقىتىش ياكى نەق پۇل تۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۈلكىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

    چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش، ھاۋالە بويىچە تىجارەت قىلىش، ئىتتىپاق تۈزۈپ زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىش، ئۆزگىرىشچان مەنپەئەت ئەمەلىي گەۋدىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پېيىنى كونترول قىلىشى ياكى ئۇلارغا پاي قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

    مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە قىشلىق، يازلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنى تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

    مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن جەلپ قىلىشىغا ۋە ئېلىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

    مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

    توردا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «سۈرەتكە تارتىپ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش» قاتارلىق پاسسىپ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئوقۇش-ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ ناچار ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىگە ۋە ئۇلارنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

    ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى، يېڭى تاراتقۇ، ئاممىۋى سورۇن، ئاھالىلەر رايونىدىكى تۈرلۈك ئېلان تاختىسى ۋە تور سۇپىسى قاتارلىقلاردا مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئېلانىنى بېسىشقا، ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. 

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىدا سودا ئېلانى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ. 

    ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى، مەشىق دەپتىرى، ئوقۇش-ئوقۇتۇش قوراللىرى، مەكتەپ فورمىسى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئېلان بېرىشىگە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېلان بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

    مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى توردا تەربىيەلىشىگە بولمايدۇ. 

3. كونترول قىلىنىدىغان تۈرلەر (4 تۈرلۈك)

    مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئۆگىنىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش كېرەك. 

    مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن مەكتەپ سىرتىدىكى پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى يېڭىدىن تەستىقلىماسلىق كېرەك. 

    ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا يۈزلەنگەن مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن مەكتەپ سىرتىدىكى پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى يېڭىدىن تەستىقلىماسلىق كېرەك. 

    مەبلەغنىڭ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا زىيادە كىرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. 

4. قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تۈرلەر (2 تۈرلۈك) 

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ھەقلىق دەرس تولۇقلاش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش كېرەك. 

    مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىمىغان، تەستىقلاتماي تۇرۇپ كۆپ ئورۇندا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھە ئېلان قىلىندى

ئەسلى تېمىسى: شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش لايىھەسى ئېلان قىلىندى