ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 49 غا يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 08:33

   دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 12-سېنتەبىر سائەت 0دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 49. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن بىمار 27 (يۈننەندە 17، شاڭخەيدە 5، گۇاڭدۇڭدا 3، سىچۈەندە 1، شەنشىدە 1)، بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئۆزگەرگەن 1 بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (سىچۈەندە)؛ يەرلىك بىمار 22 (ھەممىسى فۇجيەندە، بۇنىڭ ئىچىدە پۇتيەن شەھىرىدە 15، چۈەنجۇ شەھىرىدە 6، شيامېن شەھىرىدە 1)، بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلاردىن ئۆزگەرگەن 2 بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىككىلىسى فۇجيەندە). قازا قىلغانلار يوق. يېڭى گۇمانىي بىمار بايقالمىدى.

    شۇ كۈنى 38 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، 639 نەپەر يېقىندىن ئۇچراشقۇچىغا قارىتىلغان تېببىي كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن بىرى ئازايدى. 

    چېگرا سىرتىدىن كەلگەن بىمارلار ئىچىدە ھازىر بار ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 597 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەل 6)، ھازىر بار گۇمانىي كېسەل 3 (تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپەيگىنى 1). جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 8645، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنى 8048، قازا قىلغانلار يوق. 

    31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 12-سېنتەبىر سائەت 24 كىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 751 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 6)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي 89 مىڭ 861، قازا قىلغان بىمار جەمئىي 4636، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 95 مىڭ 248، گۇمانىي بىمار جەمئىي 3 (تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپەيگىنى 1). ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچى جەمئىي 1 مىليون 171 مىڭ 158، تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىۋاتقان يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 12 مىڭ 320.

    31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 28، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كەلگىنى 15، يەرلىك بىمار 13 (ھەممىسى فۇجيەننىڭ پۇتيەن شەھىرىدە)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 3 (چېگرا سىرتىدىن كەلگىنى 1)؛ شۇ كۈنى تېببىي جەھەتتە كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنى 10 (چېگرا سىرتىدىن كەلگىنى 8)؛ تېببىي جەھەتتە كۆزىتىلىۋاتقان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 411 (چېگرا سىرتىدىن كەلگىنى 359). 

    شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى ھازىرغىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 28 مىڭ 296. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 12 مىڭ 145 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 11 مىڭ 846، قازا قىلغىنى 212)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 63 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 63)، تەيۋەن رايونىدا 16 مىڭ 88 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 13 مىڭ 742، قازا قىلغىنى 839).

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 49 غا يەتتى

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 12-سېنتەبىر سائەت 0دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 49.