ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ چېگرا قوغداش يىڭىغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 15:18

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغداش ئۈلگىلىك يىڭى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، سىلەر پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوننى قاتتىق قوغداپ، ياشلىق باھارىڭلار ۋە ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى قەتئىي مۇھاپىزەت قىلىپ، زىممەڭلاردىكى ۋەزىپىنى ناھايىتى ياخشى تاماملىدىڭلار، يارايسىلەر!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىدۇ، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. مەن يولداشلارنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي تەلىم ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغداش ئۈلگىلىك يىڭى»-ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە قەھرىمان قىسىم. بۇ يىڭ تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4800 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، ھەر يىلى 200 نەچچە كۈن سەككىز بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قارلىق ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تەقدىرلەندى، بەش قېتىم شەرەپلىك نام بېرىلدى، بەش نەپەر 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكۈچى، 44 نەپەر 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكۈچى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بارلىققا كەلدى. 2016-يىلى 8-ئايدا، شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، بۇ يىڭغا «ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغداش ئۈلگىلىك يىڭى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. يېقىندا، پۈتۈن يىڭدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ چېگرا قوغداش يىڭىغا جاۋاب خەت يازدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغداش ئۈلگىلىك يىڭى»دىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.