ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 08:51

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى

خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئەسى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12:00دە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

بىرىنچى، سىگنال بېرىش ۋاقتى

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دىن سائەت 12:19غىچە.

 ئىككىنچى، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنىڭ سىگنال تۈرى

ئالدىن سىگنال: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختايدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختايدۇ، 15 قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

سىگنالنى بىكار قىلىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سىگنال بېرىلىدۇ.

ھەربىر تۈردىكى سىگنالنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

 ئۈچىنچى، سىگنال بېرىش دائىرىسى

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بورتالا شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، شىخو شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى.

سىناق تەرىقىسىدە سىگنال بېرىش مەزگىلىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمىز.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى  

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى