ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 17:29

 

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچ-ئۇنىڭ خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدا دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قانۇن بويىچە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار بولۇش سۈپىتىدە، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تولۇق جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، مېخانىزملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لو يىڭخې-گۈيجۇ ئۆلكىسى خۇيشۈي ناھىيەسى مىڭتيەن كوچا باشقارمىسى شىنمىن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇ گۈيجۇدىكى نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

لو يىڭخې 2018-يىلى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، لو يىڭخې كۆچمەنلەرنى تەربىيەلەش كەچلىك كۇرسى ئېچىش، كوپىراتىپ-كارخانا تەمىنات-ئېھتىياج سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەھەللىدە «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق» ئائىلىلەرنى تولۇق تۈگەتتى، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ يىللىق ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 800 يۈەندىن ئېشىپ، كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى. لو يىڭخې مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى يۇقىرىغا يەتكۈزىمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى بىرىنچى بولۇپ كەنتلەرگە، مەھەللىلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلىمەن. كۆچۈرۈلگەن ئامما مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تەدرىجىي بېيىپ، «بىر قەدەمدىلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش، تېز قەدەم بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش»تەك گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى جەمئىي 16 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆگىنىشكە قاتناشتۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گو جېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشىدە، دىققەت يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000 دىن ئاشمايدىغان ۋەكىلىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىكا ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى چوڭقۇر چۈشىنىش،  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى تەشكىلىنى چوڭقۇر چۈشىنىش شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ھەم ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قانداق ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر چۈشىنىشنى كۈچەيتىش-ئىنتايىن تەخىرسىز ۋە زۆرۈر.

شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ مەھەللىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ گوپىڭ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇ گوپىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئاھالىلەرگە يان تېلېفون نومۇرىنى ئاشكارىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇ گوپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئالاقە پونكىتىدىكى «جۇ گوپىڭ ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش ئىشخانىسى» يول بويىغا تەسىس قىلىندى، ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ۋەكىللىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئارىلىقى بەك يېقىن. بىز ئامما ئارىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ يىلتىز تارتىشىمىز؛ ئالدى بىلەن ئىشىكنى داغدام ئېچىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، تولۇق جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «خەلق ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»ىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەكىللەر ئائىلىسى، ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى، ۋەكىللەر پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 220 مىڭدىن ئارتۇقى تەسىس قىلىنىپ، يېزا-بازار، كوچىلار ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جەي ۋېي مۇنداق دېدى: بىز ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساداسى ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ھەقىقىي جاۋاب قايتۇرىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە