ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ كېپەن ئوغرىلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 08:52

 

خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 12-ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان ۋۇيۆ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلار قەبرىستانلىقىدىكى چيەن ليۇنىڭ قەبرىسى ئوغرىلىنىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېيلارنىڭ قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، جاۋابكارلار سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، ئىككى جاۋابكارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىنىپ مۇسادىرە قىلىندى.

خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىپ ئېنىقلىشىچە، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاۋابكار جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېي توردا ئالاقىلىشىپ قەدىمىي قەبرىلەرنى قېزىشنى پىلانلىغان ھەمدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان لىنئەندىكى ۋۇيۆ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلار قەبرىستانلىقىنى ئوغرىلىقچە قېزىش نىشانى قىلغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا، جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېي فۇجيەندىن خاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىنئەن رايونىغا يېتىپ كېلىپ، ئوغرىلىقچە قېزىش نىشانىنى كۆزەتكەن ھەمدە لىنئەن رايونىدا ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغان ۋە قەبرە قېزىش قوراللىرىنى سېتىۋالغان. ئىككىيلەن كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، قورشاۋ تامغا يامىشىپ چىقىپ، قورال-سايمانلار بىلەن لەخمە كولاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋۇيۆ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھلار قەبرىستانلىقىنى ئوغرىلىقچە قازغان ھەمدە زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. كېيىن ليۇ دەن (باشقا دېلو ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى) قاتارلىق كىشىلەر ئارقىلىق زاڭ مالنى سېتىپ قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن ھەمدە پايدىنى بۆلۈشۈۋالغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوغرىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 2020-يىل 23-ماي، جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېيلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قولغا چۈشۈرگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېيلارنىڭ بىر تۈركۈم زاڭ پۇل ۋە زاڭ ماللىرىنى قانۇن بويىچە توڭلىتىۋەتكەن، پېچەتلىگەن ۋە تۇتۇپ قالغان.

بۇ دېلو ھەققىدە 23-ئاۋغۇست سوتتىن بۇرۇنقى يىغىن ئېچىلدى. 12-ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان يىراق مۇساپىلىك سىنلىق سوتتا، سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، ئاقلىغۇچى قانۇن بويىچە ئاقلىدى. جاۋابكار جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېي پاكىت ۋە جىنايەتكە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جياڭ مىڭلېي ئولجا بۆلۈشۈش سوممىسى ۋە دېلوغا چېتىشلىق بىر قىسىم مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جياڭ مىڭلېينىڭ ئاقلىغۇچىسى جياڭ مىڭلېينىڭ سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ئېغىر ئەمەس دەپ قارىدى، لى چاڭۋېينىڭ ئاقلىغۇچىسى لى چاڭۋېينىڭ دېلودىكى رولى نىسبەتەن كىچىك دەپ قارىدى، ئىككى ئاقلىغۇچى بىردەك دېلوغا چېتىشلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىندى، ئىككى جاۋابكار ئىقرار قىلدى ھەمدە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا يېنىك جازا بېرىلسە دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى جاۋابكار ئەڭ ئاخىرقى بايان قىلىش باسقۇچىدا جىنايىتىنى بىردەك ئىقرار قىلدى.

خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېي تارىخ، سەنئەت قىممىتىگە ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي قەبرىنى ئوغرىلىقچە قازغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن قەدىمىي قەبرىنى ئوغرىلىقچە قېزىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلىغان. جياڭ مىڭلېي، لى چاڭۋېيلارنىڭ قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايى قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن يامان، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك، گەرچە ئىككى جاۋابكار تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق بۇ دېلودىكى ئوغرىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋەبلەر ئىككى جاۋابكارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىنئەن رايونىغا جايلاشقان چيەن ليۇ قەبرىسى بىر مەزگىل جېجياڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان پادىشاھ قەبرىسى دەپ قارالغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 3-ئايدا، ساقچىلار خىزمەت جەريانىدا مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى بايقاپ رازۋېدكا قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىلى 23-ماي، ساقچىلار گۇاڭجۇغا بېرىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا ساتماقچى بولغان گۇماندارنى تۇتۇپ، نەق مەيداندا ئالتۇن ۋە قاشتېشىدا بېزەلگەن كەمەر، قەدىمى شەمشەر قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن، جىنايەت گۇماندارى بۇ نەرسىلەرنى چيەن ليۇنىڭ قەبرىسىدىن ئوغرىلىقچە قېزىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى لىنئەنگە بېرىپ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، چيەن ليۇ قەبرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى باھالاپ تەھلىل قىلغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، لەھەت قۇرۇلمىسى ۋە مۇكەممەللىكى تەسىرگە ئۇچرىمىغان. 2020-يىلى 12-ئايدا، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جېجياڭ ئۆلكىسى، خاڭجۇ شەھىرى تارماقلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چيەن ليۇ قەبرىسىنىڭ گەۋدىسى رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى خاڭجۇ شەھىرى لىنئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار دېلولاردىكى جاۋابكار تاڭ دۇڭ، ليۇ دەن قاتارلىق ئون كىشىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا سېتىش، قاقتى-سوقتى قىلىش، جىنايەت تاپاۋىتىنى يوشۇرۇش دېلوسىغا سوت ئېچىپ قاراپ چىققان ھەم سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، تاڭ دۇڭ، ليۇ دەن قاتارلىق ئون كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇددەتلىك 11 يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسى بەرگەن ھەم جەرىمانە قويۇپ، جاۋابكارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ كېپەن ئوغرىلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى!

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىنئەن رايونىغا جايلاشقان چيەن ليۇ قەبرىسى بىر مەزگىل جېجياڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان پادىشاھ قەبرىسى دەپ قارالغان.