ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچىدىكى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 14 كۈن ئىچىدە بۇ يەرلەردە...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-16 18:34

 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 15-ئۆكتەبىر سائەت 0دىن 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار يوق، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن بىرسى يېڭىدىن كۆپەيگەن.

15-ئۆكتەبىر سائەت 24 گىچە، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا ھازىر بار بولغان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى ئۈچ، بۇنىڭ ئىچىدە، بىڭتۈەن 4-شىسى كۆكدالا شەھىرىنىڭ 62-تۈەنىدە ئىككىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا بىرسى بار.

 

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە يۇقۇم خېيىم-خەتىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى رايوندا تۇرۇش تارىخى يوق

 

15-ئۆكتەبىر كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

 

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە يۇقۇم خېيىم-خەتىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى رايوندا تۇرۇش تارىخى بولمىغان

 

يىغىندا، تۇدۇڭخابا رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تەن ۋېي يۇقۇم ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

14-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يۈك مەيدانى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر كۈندە بىر قېتىم نورمال ھالەتتىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىرەيلەننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى، 15-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن نەتىجە مۇسبەت چىقتى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ كىشىگە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويدى، ھازىر بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ بېرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە.

بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى شىنجاڭ دوستلۇق لىتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدىكى كوللېكتىپ ياتىقىدا تۇرىدىكەن. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ھەر كۈنى دوستلۇق لىتۇڭ ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا مال قاچىلاش-چۈشۈرۈش، توشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، يىپەك يولى مەھەللىسىدە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرتكەن، بېيجەن 4-يولىدىكى توخۇ قوردىقى دۇكىنىدا تاماق يېگەن؛ بۇ مەزگىلدە خەيخۇڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى، خاۋتيەن يۈنتۇڭ ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىغا بېرىپ مال توشۇغان؛ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجەن 4-يولى بىلەن بېيجەن غەربىي يولى كېسىشمە يولىدىكى كۈنفاڭ ماگىزىنىغا بېرىپ مال سېتىۋالغان. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان.

بۇ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە يۇقۇم خېيىم-خەتىرى ئوتتۇرا، يۇقىرى رايوندا تۇرۇش تارىخى بولمىغان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى، گۇمانىي بىمار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىمۇ بولمىغان.

 

ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونىدا يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇدۇڭخابا رايونى تېزدىن نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى، شۇنداقلا يۈك مەيدانى ئاممىۋى رايونى، مال، كونتېينىر ۋە قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى سىرتقى يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى. 15-ئۆكتەبىر سائەت 21 گىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچىدىكى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 14 كۈن ئىچىدە بۇ يەرلەردە...

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 15-ئۆكتەبىر سائەت