شىنجاڭدا بۇ ئىككى يۇقۇملانغۇچىنى كۆزىتىش بىكار قىلىندى
مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن 4-شىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشى ئارقىلىق، 17-ئۆكتەبىر، بىڭتۈەن 4-شىسى كۆكدالا شەھىرى 62-تۈەنىدىكى 2 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىغا قارىتىلغان ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.
بۇ ئىككى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىنىڭ نەپەس يولى ئەۋرىشكىسى 24 سائەتتىن ئارتۇق ئارىلىق تاشلاپ ئۇدا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈلگەندە، نۇكلېئىك كىسلاتاسى نەتىجىسى مەنپىي چىققان. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.