ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-20 09:05

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتنى مۇزاكىرە قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىگە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى ۋە ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ھەققىدىكى قارارى»نىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى-سىرتىدىن بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، قارار ئارگىنالىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا، دېموكراتىيە، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى يۈز-تۇرانە ئاڭلىدى. جايلار، تارماقلار، ھەر قايسى تەرەپلەر ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قارار ئارگىنالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قارار ئارگىنالىنىڭ رامكا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى بىردەك قۇۋۋەتلەپ، قارار ئارگىنالى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان، باش تېمىسى روشەن، خۇلاسىلىنىشى ئەتراپلىق قارار بولۇپتۇ دەپ قارىدى شۇنداقلا نۇرغۇن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. قارار ئارگىنالىدا جايلار، تارماقلار، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە  يېتەكلەپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىندا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىپ، يېقىنقى زاماندىكى 100 نەچچە يىلدا قۇل قىلىش ۋە بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغان جۇڭگو خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈپ، 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگونى چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشتىكى پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش مۇساپىسىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، ئەلرايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەندى ۋە ئۇرغۇتۇلدى، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسايىن مۇستەھكەملىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيە كۈلپەت ئېڭىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى، راھەت-پاراغەت ئېڭىنىڭ تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يىراقنى كۆزلەپ، خاتىرجەم شارائىتتا خىيىم-خەتەرنىمۇ ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى شەرت.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتنى مۇزاكىرە قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى