ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ASEAN باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-23 17:43

 

شى جىنپىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا ۋىدېيولۇق قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. شى جىنپىڭ «تەقدىرداش بولۇپ، يۇرت-ماكانىمىزنى بىرلىكتە قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئالەمشۇمۇل مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ 30 يىل ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان 30 يىل، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرغان 30 يىل بولدى. بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇپ، رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق. بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۇق. بىز ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك پارلاق يولدا مېڭىپ، كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قەدەم قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.

بۈگۈن بىز جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدۇق. بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىككى تەرەپنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن بولۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەۋزەل بولۇش شارائىتىدىن كەلگەن، بۇ بىزنىڭ دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا پائال ماسلىشىپ، توغرا تارىخىي تاللاش چىقارغانلىقىمىزدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇردۇق. باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈش بىزنىڭ ئورتاق تەلىپىمىز. بىز تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە «باندۇڭ روھى»نى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلدۇق، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھلار ئىچىدە «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە ئەڭ ئاۋۋال قاتناشتى. بىز ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىمىزگە ئېتىبار بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيانىڭ قىممەت قارىشىنى ئورتاق قوغدىدۇق ۋە ئەۋج ئالدۇردۇق.

ئىككىنچى، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇق. دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز. بىز رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، دىققىتىمىزنى باشتىن-ئاخىر تەرەققىيات باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ئۈچىنچى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق. ئۆزئارا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ئورتاق ئەنئەنىمىز. بىز ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇردۇق، مېھىر-مۇھەببەتكە، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەردۇق، خۇشاللىققا يولۇققاندا بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ياردەم بەردۇق. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتتۇق.

تۆتىنچى، كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىرلىكتە ئېچىۋېتىلگەن رايون بەرپا قىلدۇق. كۆپ مەنبەلىك، كەڭ قورساق بولۇش بىزنىڭ ئورتاق گېنىمىز. بىز شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن ئەقىل-پاراسەت ئېلىپ، ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن، باشقىلارنى چەتكە قاقمايدىغان دوستلار چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 30 يىللىق قىممەتلىك تەجرىبە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئات ئۇزۇن يولدا، كىشى ئۇزۇن يىلدا سىنىلىدۇ. جۇڭگو ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون رامكىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، جۇڭگو خەلقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، تىنچ يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرساق. تىنچلىق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق مەنپەئەتىمىز، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز رايون تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، قارشىلاشماي سۆزلىشىش، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، تەھدىت سالىدىغان تۈرلۈك سەلبىي ئامىللارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت دوست ئۆتۈپ، رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قورالى يوق رايون قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا يادرو قورالى يوق رايون شەرتنامىسى» كېلىشىمنامىسىنى بالدۇرراق ئىمزالاشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، خاتىرجەم يۇرت-ماكانىمىزنى بىرلىكتە بەرپا قىلساق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادا مۇتلەق بىخەتەر يېگانە ئارالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنىڭ ھەقىقىي خەۋپسىزلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساغلاملىق قالقىنى» ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى قوزغاشنى خالايدۇ: بۇ يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە 150 مىليون  تال يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس  ۋاكسىنىسى ھەقسىز ياردەم بېرىش؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش فوندىغا يەنە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قوشۇپ، ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مۇداپىئە ئىشلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىزدا بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش، ئاپەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. 

يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرسەك. مەن يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان ئورتاق گەۋدە ئارزۇسى» بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىشى ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يەنە 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەرەققىيات ياردىمى بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرەققىيات بىلىم تورى قۇرۇشنى قوللاپ، نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىلىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، جۇڭگو كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيانغا نەزەر» بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق، دېڭىز سودىسى يېڭى يولىنى تەڭ قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، رەقەملىك ئىدارە قىلىش سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى 1000 تۈرلۈك ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 300 ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قوللايدۇ.

تۆتىنچى، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرساق. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رايوننىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىرىلمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل پۇل مۇئامىلە ۋە يېشىل مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تۆۋەن كاربونلۇق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك يېشىل تەرەققىيات ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكا بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

بەشىنچى، دوستانە يۇرت-ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرساق. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئويلىشىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، ئاياللار ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كەسپىي مائارىپ، ئوقۇش تارىخىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سەرخىللار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سانىنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك  مۇسابىقىسى ۋە خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالىمىز، جۇڭگو بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەنتەربىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل رايون ۋە دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى!

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى برۇنېي سۇلتانى ھاسانال باشلىقلار يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسى توڭلۇن، مالايسىيا زۇڭلىسى ئىسمائىل، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فام مىيۇڭجىڭ يىغىنغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي يىغىنغا قاتناشتى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە، ئەڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم رەھمەت ئېيتىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2025-يىلىغىچە بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانى»نى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورنىتىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل 30 يىلىنى كۈتۈۋېلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك   مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز. 

باشلىقلار يىغىنىدا «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى بىرلەشمە باياناتى» ماقۇللاندى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ASEAN باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى