ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 08:39

 مۇخبىرنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئەيلاۋشەن تېغىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان تۆت كىشى 22-نويابىر تېپىلغان بولۇپ، تۆتىلىسى قازا قىلغان. 

بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئىلگىرىكى خەۋەرلەر 

تۆت گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ئەڭ كىچىكى 25 ياشتا بولۇپ، ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر يېرىم كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ئېلىۋالغان 

پىلان بويىچە، تۆت گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خادىمى 13-نويابىر ئەيلاۋشەن تېغىغا پىيادە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ يۈشى شەھىرى شىنپىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تاماملىغان. ئۇلار پىلان بويىچە 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن ياكى 14-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن تاغدىن چۈشۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق تاغدىن چۈشمىگەن. 15-نويابىر، ساقچىلار مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان، پۇئېر بازىرى يۈەنشيەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ تۆت خادىم تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كومپاس، گۈرجەك قاتارلىق سايمانلارنى ۋە بىر يېرىم كۈنلۈك ئاشلىق ئېلىپ سەپەرگە چىققان. يۈننەن ئۆلكىسى ئەيلاۋشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جېنيۈەن باشقۇرۇش-قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان تۆت خادىمنىڭ ئەڭ چوڭى 32 ياش، ئەڭ كىچىكى 25 ياش بولۇپ، ھەممىسى ئىلگىرى ئەسكەر بولغانىكەن. 

قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ يامغۇرلۇقىنىڭ پارچىلىرىنى بايقىغان

قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇتقۇزۇش ئەترىتى 20-نويابىر ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ خادىملار قونالغۇ قىلغان جاينىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى ئالا قويماي ئىزدىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەرەتلىرىنى بايقىغان ۋە ئىككى كىچىك ئېقىن كېسىشكەن جايدىن داۋاملىق بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا مېڭىپ، بىر يامغۇرلۇقنىڭ پارچىسىنى بايقىغان، سېلىشتۇرۇش ۋە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئىدارىسىدىكى شوپۇرنىڭ جەزملەشتۈرۈشى بىلەن، بۇ يامغۇرلۇقنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان خادىملار ئېلىپ ماڭغان نەرسە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى قازا قىلدى

مۇخبىرنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئەيلاۋشەن تېغىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان تۆت كىشى 22-نويابىر تېپىلغان بولۇپ، تۆتىلىسى قازا قىلغان.