ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 14:17

 ​شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى يىغىنى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى يىغىنى 22-، 23-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەممىدە ئۇرۇش قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئارقا سەپ تەمىناتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە بۇرچ-ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يولداشلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولۇشنى چۆرىدەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، قۇدرەتلىك زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا زامانىۋى ھەربىي ئىشلار ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

​شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتى يىغىنى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: زامانىۋى ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى