ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمغا قارشى ئۈنۈملۈك دورا يىل ئاخىرىدابازارغا سېلىنىشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-25 08:45

 ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، چىڭخۇا داشۆسى، شېنجېن شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن تېڭشېڭبو دورىگەرلىك تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس دورىسى  BRII-196 ۋە BRI-198نىڭ 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىنىقى تاماملانغان. دورا سىناق قىلىنغان بىمارلار 28 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن ئۆلۈش نىسبىتى نۆلگە چۈشكەن، سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدا سەككىز ئادەم قازا قىلغان، تەپسىلىي نەتىجىسى يېقىندا ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ئانتىتېلا دورىسى بولۇپ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بازارغا سېلىش تەستىقىغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ياۋروپا، ئامېرىكىدا جىددىي ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلا دورىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ دورا تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇستا يۇقۇملانغۇچىغا ئىشلىتىلىپ داۋالاش ئۈنۈمى باھالانغان ھەمدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات قولغا كەلتۈرۈلگەن بىردىنبىر دورا  ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمغا قارشى ئۈنۈملۈك دورا يىل ئاخىرىدابازارغا سېلىنىشى مۇمكىن

ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، چىڭخۇا داشۆسى، شېنجېن شەھەرلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن تېڭشېڭبو دورىگەرلىك تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس دورىسى BRII-196 ۋە BRI-198نىڭ 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىنىقى تاماملانغان.