ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-11 17:02

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن سىز بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 30 يىلدا 50 ھەسسە ئاشتى، جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچە رايونى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر  ئەمەلىيلىشىپ نەتىجىگە ئېرىشتى، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دۆلەتلەرنىڭ  دوستانە ئالاقىسى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو بېلارۇسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل، رەقەملىك تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى نامايان قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تاشقى كۈچلەرنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا دېموكراتىيە قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

لۇكاشېنكو جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. لۇكاشېنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېلارۇسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىگە سەمىمىي، دوستانە ھېسسىياتتا بولىدۇ، جۇڭگونىڭ بېلارۇسىيەنى باشتىن-ئاخىر سىياسىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. نۆۋەتتىكى خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بېلارۇسىيە جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېلارۇسىيە بۇ يىل بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بېلارۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بېلارۇسىيە-جۇڭگو سانائەت باغچە رايونىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ھەمكارلىقى ھەمدە سودىغا مەبلەغ سېلىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېلارۇسىيە باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن تېلېفونلاشتى