ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 17:19

 

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك  

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈرەش روھىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن ھەر ۋاقىت، ھەر دەقىقە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر، ئىدىيە يېتەكچىلىكى بولمىسا بولمايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم كارغا كېلىدۇ، ماركسىزم شۇنىڭ ئۈچۈن كارغا كېلىدۇكى، پارتىيە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرغانلىقى، دەۋرلەشتۈرگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش--ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ماركسىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش-بىرلەشتۈرەلمەسلىكتە. تېز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە جۇڭگو ئالدىدا، ئەگەر كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئىدىيەدە قاتماللىشىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بولمىسا، جۇڭگونىڭ، دۇنيانىڭ، خەلقنىڭ، دەۋرنىڭ سوئاللىرىغا ئىلمىي جاۋاب بېرەلمىسە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتقىلى بولمايلا قالماستىن، ماركسىزممۇ ھاياتىي كۈچىنى، قايىل قىلىش كۈچىنى يوقىتىدۇ. ھازىرقى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەمدە ئۆزگىچە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىنىڭ چوڭلۇقى مىسلىسىز، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭقۇر ئۆزگىرىش مىسلىسىز بولۇپ، جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز دەۋر يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، رېئال ئېھتىياجغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزم «ئوقى»نى  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو «بازىسى»غا ئېتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش-ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنى توغرا تونۇش-تونۇماسلىقىمىز ۋە ئىگىلەش-ئىگىلىيەلمەسلىكىمىز، مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىش-بېكىتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. قاچانكى ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىگە توغرا ھۆكۈم قىلىنسا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىدۇ،  بولمىسا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، ئومۇمىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولغانلىقى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە ئىگىلىگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇرەككەپ ۋەزىيەت، مۇرەككەپ زىددىيەت، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، مۇھىملىرى بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى پەرقلەندۈرمەي، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. بىز ئومۇمىيلىق قارىشىغا ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى ئالدىن ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقا زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەسىلىسى. ئىستراتېگىيە جەھەتتە توغرا ھۆكۈم قىلساق، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىلمىي پىلانلىساق، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرسەك، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتەلەيمىز. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ھەمىشە زور تارىخىي پەيتلەردە دۇچ كەلگەن زور تارىخىي تېمىلارنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تونۇپ، تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا تۈزۈپ چىقتى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ سانسىز خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئىلمىي ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە ئىگىلىگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىستراتېگىيە ئومۇمىيلىق، يىراق كەلگۈسى، ئومۇمىي ۋەزىيەت جەھەتتىن چىقىرىلغان ھۆكۈم ۋە تەدبىر. بىز چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىمىز، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، شۇڭا ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشقا، مەسىلىلەرگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قاراشقا، مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئويلاشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. توغرا ئىستراتېگىيە توغرا تاكتىكا ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە موھتاج. تاكتىكا بولسا ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكا دىيالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، ئىستراتېگىيەنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار خىزمەت تەپەككۇرى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت-تەدبىرلەرنى بېكىتىشتە، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، پەرقنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن ئۇلۇغ  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيە ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، باشتىن-ئاخىر ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە ئىگىلىگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلىك خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، مۇھىمى يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە تايىنىش كېرەك. كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئومۇمىي ئەخلاقنى چۈشىنىپ، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، ئۆز نەپسىدىن  كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئاچقۇچ مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەتنىڭ بولۇشىدا.  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، لېكىن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى، ھەرگىزمۇ ئاللىقاچان قاتتىق بولۇپ بولدۇققۇ دەيدىغان بىزارلىق كەيپىياتىدا بولماسلىقى كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تۆمۈرنى تۇتسا ئىز قالغۇدەك، تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىشى كېرەك. مەيلى كىم پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدا مەسىلە چىقارسۇن، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق چۈشىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ 6-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىز ئۇنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي قارارى بىزنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا بولغان يېڭى تونۇشىمىزنى نامايان قىلدى، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ۋە ئىگىلەشكە پايدىلىق. بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم-مېخانىزم ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى شانلىق مۇساپىنى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت بۇرچتا چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي كۈرىشىنى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەلىپىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش؛ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، پارتىيە تارىخىنى دائىم ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى داۋاملىق پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، دائىملىق دەرسلىكى قىلىش؛ مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىدىن ئىبارەت بۇ يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا تېخىمۇ ياخشى كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياش-ئۆسمۈرلەر ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە شەكىللەنگەن ياخشى مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك.

لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش، ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيىنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش ئەسلى خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش قاتارلىق بەش مەسىلە چوڭقۇر بايان قىلىندى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىي تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تەكىتلەندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى سۆزنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش