ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئومىكرون "كەڭ تارقىلىشچان زۇكام"مۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-13 15:34

 

 

2020-يىلى ۋۇخەندە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالاش بىمارلارنى داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. 11-يانۋار مۇخبىر جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن جاڭ بولىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىم تيەنجىندە يۈز بەرگەن يۇقۇمدا ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكرونغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ قانداق «جەڭ قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىگىلىدى. 

بۇ قېتىم ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلاردا كېسەللىك ئالامىتى گەۋدىلىك بولمىدى، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى چوڭ تارقىلىشچان زۇكام دەپ قاراشتى. ئاكادېمىك جاڭ بولى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇ تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشىمايدۇ. چەت ئەلدە نۇرغۇن بىماردا ئىزچىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، يەنى كېسەللىك ئاسارىتىمۇ ساقلاندى، ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكامدا بۇنداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىماردىكى ئاساسىي كېسەللىك، يەككە ئىممۇنىتېت ئەھۋالى بىلەن مۇئەييەن دەرىجە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يەنىلا ۋاكسىنا ئەملەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ۋاكسىنىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رولى يەنىلا كۈچلۈك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئومىكرون "كەڭ تارقىلىشچان زۇكام"مۇ؟

2020-يىلى ۋۇخەندە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالاش بىمارلارنى داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.