ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چېن گاڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:38

 

ئەسلىي تېمىسى: ئۇ بېيجىڭدا ئۆزى ئۈچۈن 109 مو يەردە باغ بەرپا قىلدۇردى، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتىن ئىلگىرى يەنىلا ئۆزىنى ۋەيران قىلىش شەكلىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى...، چېن گاڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى

17-يانۋار كەچتە، بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «قىلچە يول قىلماسلىق»نىڭ 3-قىسمى «ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش» مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلدى، فىلىمدە جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى چېن گاڭنىڭ ھوقۇق-پۇل سودىسى دېلوسىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى.

ئەسەبىيلەرچە زور سوممىلىق پارا ئالدى، لېكىن كېيىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، كۆپ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى ئويلىدى

چېن گاڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ئىلگىرى بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىسى پىلان تەستىقلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىش ئىدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چېن گاڭ بىلەن مەلۇم خوجايىننىڭ ئالاقىسىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكى، ئىستىلدا ھەشەمەتچىلىك قىلىش ئەھۋاللىرى بارلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاس تاپشۇرۇپ ئېلىپ، چېن گاڭغا خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى، چېن گاڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى.

2017-يىلى 2-ئايدا، چېن گاڭ ئەسلىدىكى گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسىغا يۆتكەپ كېلىندى، 2018-يىلى يەنە جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە تەڭشەلدى. چېن گاڭ تەشكىلنىڭ ئۇنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدى.

2018-يىلى توپتوغرا بىر يىل چېن گاڭ روھىي جەھەتتە ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىپ، ئۆزىنى ۋەيران قىلىش شەكلىدە تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزمەيلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئەسەبىيلەرچە 70 مىليون يۈەنگە يېقىن زور سوممىلىق پارا ئالدى، بۇ ئۇنىڭ پارا ئالغان ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كۆڭلى چەكسىز ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغاچقا، ھەر كۈنى كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ناركوز قىلىپ ياشىدى، كۆپ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچىمۇ بولدى. 2019-يىلى 1-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى باشقا بىر دېلو سەۋەبىدىن، چېن گاڭنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندا، ئۇنىڭ بەزى بىنورمال سۆزلىرى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇي: بىز چېن گاڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز باشلاپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىرلارغا تەشكىل قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى ئېنىق تاپشۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئىقرار قىلسا، تەشكىل قانداق سىياسەت قوللىنىدۇ، قانۇندا بۇ ھەقتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار دېگەندەك گەپلەرنى سورىدى. بىز چېن گاڭنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش ئويى بارلىقىنى ھېس قىلدۇق.

چېن گاڭ ئەينى چاغدا زىددىيەت ئىچىدە قالغان ئىدى، تۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە تەمشىلەتتى، ئارقىدىن يەنە ئارىسالدى بولۇپ قالاتتى. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى دەرھال ئۇنىڭغا ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت ئىشلەشنى باشلىدى، نەچچە سائەت چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، چېن گاڭنىڭ نەق مەيداندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئىرادىسىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. 

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئارقىدىن چېن گاڭنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. چېن گاڭ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا دائىر بارلىق پاكىتلارنى تاپشۇردى، بۇنىڭغا چېتىشلىق پارا ئېلىش سوممىسى 120 مىليون يۈەندىن ئاشقانىدى.

قولىدا يىرىك پىلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ نۇقتىلىق «قورشاپ ئوۋلاش» ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى، ئۇلار كارتا، ئۆي، غايەت زور سوممىلىق نەق پۇل سوۋغا قىلدى

چېن گاڭ 1989-يىلى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ شەھەر پىلانلاش كەسپىنى پۈتكۈزدى، 31 يېشىدا بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 36 يېشىدا بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولدى، 40 يېشىدا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى، ھاياتىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى ناھايىتى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگەنىدى. لېكىن، كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىدا، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشتەك بوشاڭلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

چېن گاڭنىڭ قولىدا يىرىك پىلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىل دەل ئۆي-مۈلۈك كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ نۇقتىلىق «قورشاپ ئوۋلىشى»غا ئۇچرىدى ۋە تەدرىجىي ھالدا ئىرادىسىنى يوقاتتى. خوجايىنلار ئۇنى تاماق يېيىشكە، كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى، ئاپتوموبىل، ئىناۋەت كارتىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆي-مۈلۈك سوۋغا قىلدى، زور مىقداردا نەق پۇل سۇڭگۇتتى؛ چېن گاڭ بولسا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خوجايىنلارغا يەر ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش، پىلان-لايىھەسىنى تەستىقلاش، يىرىك پىلاننى تەڭشەش، تۈرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەردى.

چېن گاڭ: يىرىك پىلاندا ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقى بار، قالدۇرغان ھوقۇق يوچۇقى بەك چوڭ. شۇڭا، مەلۇم يەرنى بىر كىشىگە بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نېمە بىنا قىلىشى، قانچىلىك دائىرىدە قۇرۇلۇش قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇ بەرگەن پايدىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

چېن گاڭ بېيجىڭدا پىلانلاش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن 17 يىل شۇغۇللاندى، ئۇنىڭ مەسىلىسىدە بۇ ساھەدە ساقلانغان قالايمىقانچىلىق ۋە ئىللەتلەر ئەكس ئەتكەن بولۇپ، چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، دېلو ئارقىلىق بۇ خىل قىلمىشلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ كونا يولدا مېڭىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

بىر خوجايىن مەبلەغ چىقىرىپ ئۇنىڭ «ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى»، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىي باغ بەرپا قىلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىم تەرىپىدىن قەپەسكە قامالدىم»

2002-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، چېن گاڭ ئۆزىنىڭ «لايىھەلەش ئارزۇسى»نى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر خوجايىندىن نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ خۇەيرۇ رايونىدا خۇسۇسىي باغ بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ باغ بېيجىڭنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا خىلاپ بولغاچقا، چېن گاڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن چېقىۋېتىلدى.

بۇ باغنىڭ كۆلىمى 109 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بېزىلىشى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، چېن گاڭ دائىم ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە سودىگەر خوجايىنلارنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، ئۆزى بەرپا قىلغان «سۈپەتلىك تۇرمۇش» قاينىمىغا غەرق بولدى.

2008-يىلى چېن گاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بىر ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى بېيجىڭنىڭ ئالتۇن يەر بۆلىكىدە بىر ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئاچتى، چېن گاڭ بۇ ئولتۇراق رايونغا كېلىپ كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە بۇ خوجايىندىن ئۆزىگە بىر داچا سېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ خەرىتىگە ئۆزى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يەر يۈزى كۆلىمىنى 200 نەچچە كىۋادرات مېتىر قىلىپ ئۆزگەرتىپ، سىياسەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ خوجايىنغا يەنە ئىككى قەۋەتلىك يەر ئاستى ئۆيىنى قوشۇپ سالدۇرغان بولۇپ، بۇ داچىنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىنى قوشقاندا ئومۇمىي كۆلىمى 800 كىۋادرات مېتىردىن ئاشاتتى.

بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيدانغا كېلىپ ئۆي كۆلىمىنى تەكشۈرگەندە، ئۇ خوجايىن چېن گاڭنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يەر ئاستى ئۆيگە بارىدىغان پەلەمپەي، لىفىتنى بىلىنمەس قىلىپ توسۇپ، ئۆينىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىلا كۆرسەتتى.

چېن گاڭ: ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۆزۈمنى نىقابلىدىم، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىم تەرىپىدىن قەپەسكە قامالدىم. ھازىر مەن بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئەركىنلىكىمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، لېكىن روھىي جەھەتتە ئازاد بولدۇم، ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم، تاماق يېيەلەيدىغان بولدۇم. مەن ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىمغا ئىنتايىن پۇشايمان قىلىمەن، بىرى پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلمىگەنلىكىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن، يەنە بىرى، ئۆزۈمنىڭ ياشلىق باھارىمنى، قىممەتلىك ھاياتىمنى ئىسراپ قىلغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىمەن. بەختكە قارشى، مەن كېچىكىپ ئويغاندىم، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئويغاندىم.

چېن گاڭ باشقىلارنىڭ 120 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مەيلى شەخسنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش جەھەتتە بولسۇن ياكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پىلانلاش، شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش جەھەتتە بولسۇن، چېن گاڭنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈلۈشىدە «جازالاش»تىن «تۈزەش»كىچە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى گۇ خۇي: ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يىرىك پىلان ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدىكى نەتىجىلىرى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يىرىك پىلان ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشى ۋە ئويلىنىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايان قىلدى. دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، چېن گاڭنىڭ دېلوسى ئاخىرى سىياسىي، قانۇن-ئىنتىزام ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

2021-يىلى 2-ئايدا، سوت مەھكىمىسى چېن گاڭ دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلدى. سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: چېن گاڭ باشقىلارنىڭ 120 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىش، زور خىزمەت كۆرسىتىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چېن گاڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى

ئەسلىي تېمىسى: ئۇ بېيجىڭدا ئۆزى ئۈچۈن 109 مو يەردە باغ بەرپا قىلدۇردى، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتىن ئىلگىرى يەنىلا ئۆزىنى ۋەيران قىلىش شەكلىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى...، چېن گاڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى