ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 17:01

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى  

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24-يانۋار يىغىن ئېچىپ، «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، 2022-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بەش پارتگۇرۇپپا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2022-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان مۇھىم بىر يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە  ئېچىشنى زىچ چۆرىدەپ،  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگو روھلۇق بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى بەرپا قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە ئورنىغا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم كۆزنەك. «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەلىپىنى ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، بىرلەشمە يىغىن ماسلاشتۇرىدىغان، ئەرزىيەت تارماقلىرى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەر قايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نىزامنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇنغا مۇراجىئەت قىلىدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى، ئەرزىيەت خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ