ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭدا سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى بايقالدىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-28 18:48

27-ئاپرېل، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا «توردا تارقالغان بېيجىڭدا سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى بايقالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنكاس»نى ئېلان قىلدى: 

بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ئارقىلىق، توردا تارقالغان بېيجىڭدا سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى بايقالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقى ئېنىقلاندى. بېيجىڭ شەھىرىدە سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى بايقالمىدى ھەمدە ئۇچۇردا دېيىلگەندەك بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈش ۋەقەسىمۇ يۈز بەرمىدى. يېقىندا چەت ئەلدە خەۋەر قىلىنغان ئالاقىدار كېسەللىك ئۇچۇرلىرىغا قارىتا، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پايتەختتىكى بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىغا دىققەت قىلىپ، ئەگەر بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلسە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىشتىن ئىبارەت. 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇ جاي ۋاقتى 23-ئاپرېل مۇنداق دېگەن: سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ بالىلار توپى ئارىسىدا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بىر بالىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى مەلۇم قىلىندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 12 دۆلەتتە ئاز دېگەندىمۇ 169 بالا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 114 بىمار ئەنگلىيەدە بايقالغان. 21-ئاپرېلغىچە، يەنە ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئىسرائىلىيە، دانىيە، ئىرېلاندىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، رومىنىيە ۋە بېلگىيە بۇ خىل كېسەللىكنى مەلۇم قىلغان.

 

سەۋەبى نامەلۇم كېسەل بايقالدى! نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاگاھلاندۇردى>>>

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭدا سەۋەبى نامەلۇم بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى بايقالدىمۇ؟

27-ئاپرېل، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدا «توردا تارقالغان بېيجىڭدا سەۋەبى نامەلۇم