ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ھاۋارايىدىن مەلۇمات

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:42

 كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئۆتكۈنچى كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

 

مۇھىم ھاۋارايى مەلۇماتى 

5-ماي كېچىدىن 6-ماي كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدۇ.

6-ماي كېچىدىن 7-ماي كۈندۈزگىچە، تىيانشان تېغى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا 4-5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالغا يېتىدۇ ھەمدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

 

دىققەت، دىققەت، دىققەت !!!

بۇنداق مۇھىم ئىشنى پەقەت بىر قېتىم دەيمىز!

 

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، يامغۇر ياغىدۇ! يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ «قىزىتمىسى يېنىش»تىن ئۈمىد بار.

 

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 7 كۈندىكى  ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

 

ئۈرۈمچى: 2 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. تېمپېراتۇرا 26 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 18 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، 8 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ. 

چۆچەك: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 7 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

سانجى: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 21 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، 9 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ.

كۇيتۇن: 2 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

ئالتاي: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

شىخەنزە: 2 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

قاراماي: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 28 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

غۇلجا: 2 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

كورلا: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 34 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

بورتالا: 2 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 27 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

قۇمۇل: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. تېمپېراتۇرا 33 سېلسىيە گىرادۇستىن بىۋاسىتە 21 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، 12 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ.

قەشقەر: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 31 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

ئاقسۇ: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

خوتەن: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

ئاتۇش: كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 34 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ.

تۇرپان: 1 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇستىن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، 8 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ.

 

خاتا كۆرمىدىڭىز، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە، 

سوغۇق ھاۋا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ يامغۇر ياغىدۇ. تېمپېراتۇرا 34 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.

(توپتوغرا 9 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ!)

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى يەتتە كۈندىكى ھاۋارايىدىن مەلۇمات