ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:43

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ، ھەقىقىي تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ، ھەقىقىي تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. 

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە، سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەرىكەتچان تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش فاڭجېنىمىزنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە باش مەقسىتى بەلگىلىگەن، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىمىز ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. بىز ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلدۇق، شاڭخەينى قوغداش جېڭىدىمۇ چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز. 

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم يەنىلا تېز يامراۋاتىدۇ، ۋىرۇس يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۈزلىنىشىدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، تېخى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت كەلمىدى. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، داۋالاش بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇش مۇقەررەر كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىر كېسەل بولۇش ۋە كېسەل بىلەن قازا قىلىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر، مۇكەممەل، ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي يېڭىپ، سەل قاراش، بىپەرۋالىق قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى قەتئىي يېڭىپ، كاللىنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، «ھەرىكەتچان تۈگىتىش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان، گۇمانلىنىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك.  

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى «كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدەش، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىش»تەك ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە كۈچەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈرەش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. 

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئايرىپ يۆتكەش ۋە مەھەللە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلارنى ماس ھەمتۈرتكە قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە خەۋپ-خەتىرى بار كىشىلەر توپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى، رايونلار ھەمكارلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، ئۆلكە ئىچىدە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئادەم كۈچى، ماددىي ئەشيالارنى تولۇق سەپلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرماي، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئادەم، نەرسە، مۇھىت جەھەتتە ئوخشاش ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىدارە ئورۇن مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، شەخس، ئائىلە قاتارلىق كۈندىلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. 

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش روھى، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار داۋاملىق ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە ئىلغار ئىش-ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى