ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېخى تاماق ئېتەلمەمسىز؟ ئەمدى بالىڭىز...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:52

 مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكى لايىھەسى»نى رەسمىي تارقىتىپ، ئەمگەك دەرسىنى ئەسلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ چىقتى ھەمدە «مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمگەك دەرسى ئۆلچىمى (2022-يىللىق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى.

بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئەمگەك دەرسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل دەرسىگە ئايلىنىدۇ. يېڭى لايىھەدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە قارىتا، 70-، 80-يىللاردا تۇغۇلغان نۇرغۇن تورداشلار: ئەمگەك دەرسى بۇرۇن بار ئىدى، مانا ھازىر يەنە ئەسلىگە كەپتۇ!-دېيىشتى.

بۇرۇنقى ئەمگەك دەرسىدە سۈپۈرگە ياساش، قەغەز قىيىشنى ئۆگىنىش، مەيدان سۈپۈرۈش، داشقال تېرىش قاتارلىق تۈرلەر بار ئىدى؛ دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنىڭ ئەمگەك دەرسىدە قانداق تۈرلەر بولىدىغاندۇ؟

«ئەمگەك دەرسى» دېگەن نېمە؟

مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمگەك دەرسى ئېچىۋېتىلگەن مول ئەمگەك تۈرلىرىنى ۋاسىتە قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەككە مەقسەتلىك، پىلانلىق تەشكىللەپ، قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، كۈچ چىقىرىش، چېنىقتۇرۇش، ئىرادىسىنى تاۋلاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەمگەك قىممەت قارىشى ۋە ياخشى ئەمگەك پەزىلىتى يېتىلدۈرىدۇ.

مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس لايىھەسىگە ئاساسەن، ئەمگەك دەرسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەپتىدە بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى، دەرس ۋاقتى پائالىيەت پىلانلاش، ماھارەت يېتەكچىلىكى، مەشىق ئەمەلىيىتى، خۇلاسىلەش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ دەرسلىكتە باھالاش مەزمۇنى كۆپ قىرلىق بولۇش، باھالاش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش، باھالاش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شال ئورۇشنى سىناپ باقتى. چېن چاۋ فوتوسى

 

ئەمگەك دەرسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئەمگەك دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنىدا جەمئىي ئون ۋەزىپە توپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر ۋەزىپە توپى بىر قانچە تۈردىن تەركىب تاپىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگىكى يۇيۇش ۋە تازىلاش، رەتلەش ۋە يىغىشتۇرۇش، تاماق ئېتىش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇش، ئائىلە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراشتىن ئىبارەت تۆت ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، يېڭى تېخنىكىنى ھېس قىلىش ۋە قوللىنىشتىن ئىبارەت تۆت ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەك زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئەمگىكى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەمگىكى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپە توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ۋەزىپە توپى ئۆگىنىش مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ.

مەسىلەن، تاماق ئېتىش جەھەتتە:

1-ئوقۇش باسقۇچى (1-يىللىقتىن 2-يىللىققىچە)، ئائىلىدىكى ئاددىي بولغان تاماق ئېتىش ئەمگىكىگە قاتنىشىش، مەسىلەن: سەي ئاقلاش، سەي يۇيۇش قاتارلىقلار؛ 

2-ئوقۇش باسقۇچى (3-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە)، سوغۇق سەي تەييارلاش، دۈملەش ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش، مەسىلەن: موما، مانتىلارنى ئىسسىتىش، تۇخۇم، جۇۋاۋا پىشۇرۇش قاتارلىقلار؛ 

3-ئوقۇش باسقۇچى (5-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە)، شوخلا-تۇخۇم قورۇمىسى، مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سۆڭەك شورپىسى قاتارلىق 2-3 خىل ئۆي تائاملىرىنى تەييارلىيالايدىغان بولۇش، بىر ۋاخلىق تاماق رىسالىسى تەييارلىيالايدىغان بولۇش؛

4-ئوقۇش باسقۇچى (7-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە)، ئۈچ ۋاخلىق تاماق رىسالىسى تەييارلىيالايدىغان بولۇش، چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماققا 3-4 خىل قورۇما تەييارلىيالايدىغان بولۇش قاتارلىقلار.

ماتېرىيال سۈرەت: جېڭجۇدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى جۇڭگوچە ئاشپەزلىك تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

 

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەھەتتە:

1-ئوقۇش باسقۇچى (1-يىللىقتىن 2-يىللىققىچە)، بىر-ئىككى خىل ئۆسۈملۈكنى تېرىپ پەرۋىش قىلىش ياكى بىر-ئىككى خىل كىچىك ھايۋان بېقىش؛ 

2-ئوقۇش باسقۇچى (3-يىللىقتىن 4-يىللىققىچە)، سەي تېرىش ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىش؛ 

3-ئوقۇش باسقۇچى (5-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە)، شۇ جايدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر-ئىككى خىل سەي، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان گۈل-گىياھ، مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈپ پەرۋىش قىلىش ياكى رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بىر-ئىككى خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆي ھايۋانلىرىنى، مەسىلەن توشقان، قوي قاتارلىقلارنى قانۇنلۇق ۋە قائىدىلىك بېقىش؛ 

4-ئوقۇش باسقۇچى (7-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە)، شۇ جايدا كۆپ قوللىنىلىدىغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرىنى سىناپ بېقىش، تەشتەكتە ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، شاللىق باقمىچىلىقى قاتارلىق ئەمگەك ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. 

ماتېرىيال سۈرەت: 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، لەنجۇ شەھىرى خۇڭشەنگېن باشلانغۇچ مەكتىپى «ئېتىزغا مۇھەببەت» پائالىيىتى ئارقىلىق بىر مەيدان ئالاھىدە مول ھوسۇل بايرىمى ئۆتكۈزدى. سۈي لىن فوتوسى

تاماق ئېتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئەمگىكىدىن باشقا، «مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمگەك دەرسى ئۆلچىمى (2022-يىللىق نۇسخىسى)»دا يەنە ئائىلە سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراش، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئەمگىكى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەمگىكى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر بىر ئوقۇش بۆلىكىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىلانلار تۈزۈلدى.

 

تورداشلار: كىشىگە 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ، دېيىشتى.

 

بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟

سىز تاماق ئېتىشنى قاچان ئۆگەنگەن؟

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تېخى تاماق ئېتەلمەمسىز؟ ئەمدى بالىڭىز...

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكى لايىھەسى»نى رەسمىي تارقىتىپ، ئەمگەك دەرسىنى ئەسلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسلىكىدىن