ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:54

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] خېيلۇڭجياڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەملىك ئىگىلىك ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

خېيلۇڭجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىيلىك بىلەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ياخشى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولدى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، خېيلۇڭجياڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىدا ياخشى باشلىنىش بولدى. ھازىر خېيلۇڭجياڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغىچە ئارقا ئارقىدىن باشلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 210 مىليون مودىن ئاشىدىكەن.

ھازىر خېيلۇڭجياڭدا كۆممەقوناق، دادۇر تېرىش ئوموميۈزلۈك باشلاندى، ئېتىزدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى. بېيداخۇاڭ گۇرۇھى باۋچۈەنلىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ كەسپىي مەسئۇلى زو دەنجيەنفېي مۇنداق دېدى: ئادەمسىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 900 مو تېرىلغۇ يەر تېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇق، ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تېجەش ۋە مەشغۇلات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىن ئىبارەت قوش بېسىم ئالدىدا، خېيلۇڭجياڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان خاربىن شەھىرىنىڭ خۇلەن رايونى رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، ۋاكالىتەن يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن رايوندىكى 2 مىليون 70 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خاربىن شەھىرى خۇلەن رايونى يېزا ئىگىلىكى يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ گۈيۋېن مۇنداق دېدى: خۇلەن ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن بىر قېتىمدىلا مو بېشىغا 11 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى ھەمدە 800 مىليون يۈەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى توپلىدى. كوپىراتىپ زاكاز قىلىش، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كەنتلەرگە بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بەردى؛ يەنە توردا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇردى.

خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. 2018-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئون مىڭ مو يەردە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھوسۇل ئېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار كىيىنىش ـ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتا، بۇ يەر چوڭ رول ئوينىدى. مەن ئېيتقاندەك، جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشى، يەنە كېلىپ قاچىسىغا ئۆزىنىڭ ئاشلىقىنى قاچىلىشى كېرەك.

بۇ يىل خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دادۇرنى كۆپەيتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 218 مىليون 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمىنى 10 مىليون مودىن ئاشۇردى. ھازىر خېيلۇڭجياڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغىچە ئومومىيۈزلۈك باشلاندى. 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، ئۆلكە بويىچە بىنەم يەرلەرگە 55 مىليون مودىن ئارتۇق زىرائەت تېرىلدى، 46 مىليون مودىن ئارتۇق سۇلۇق ئېتىزغا شال مايسىسى كۆچۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چىڭخەي مۇنداق دېدى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولماقتا. جايلار تۇپراقنىڭ نەم مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى، بولۇپمۇ دادۇرنى ئەڭ ياخشى يۇقىرى ھوسۇللۇق مەزگىلدە تېرىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ «ئاشلىق ساقلاشتا تېخنىكىغا تايىنىش» ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى پۇرسەت، مۇنبەت ئېتىزلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى كوپىراتىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، يەر ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل ئۆلكە بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت كۆلىمى 30 مىليون موغا يېتىدۇ. مۇدەنجياڭ شەھىرى لىنكۇ ناھىيەسى سەنداۋتۇڭ بازىرىدىكى دېھقان پېي خەيتاۋ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 520 مو يەر تېرىدىم، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۈچ ماشىنا ياللايتتىم، بەش ئادەم بىر ھەپتىگە يېقىن ئۇرۇق سالاتتى. بۇ يىل كوپىراتىپنىڭ چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنلىرى بىلەن ئۇرۇق سالدۇق، ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىپ بولدۇق.

خېيلۇڭجياڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەرگە تايىنىش» سىتىراتىگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويدى. بۇ يىل ئۆلكە بويىچە يېڭىدىن 11 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، ھەممىسىگە ئاشلىق تېرىلىدۇ ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك قارا تۇپراق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 33ى بەرپا قىلىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر تەڭ قوللىنىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: بىز ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ «تۆت سىستېما» بەرپا قىلىش خىزمەت تەلىپى بويىچە، «تۆت يېزا ئىگىلىكى» خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نىشان ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىلاردىن بولىمىز

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] خېيلۇڭجياڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى