ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەينەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:54

 باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى-پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ يىلتىزى، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلاب تارىخىدىن مەڭگۈ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

خەينەن ئۆلكىسىدە كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىغا تەۋە 13 شەھەر، ناھىيە، رايون بار. چيوڭيا ئىنقىلابى «قوراللىق كۈرەشتە قىزىل بايراقنى يىقىتماي 23 يىل چىڭ تۇرۇش» مۆجىزىسىنى ياراتقان. خەينەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىناق يولىدا، چيۇڭيا ئىنقىلابىي روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. 

ھازىر خەيكۇ شەھىرى چيۇڭشەن رايونى سەنمېنپو بازىرىغا يىراقتىن نەزەر سالساق، بىر پارچە «يېشىل دېڭىز»دەك كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ يەردىكى لىجى مېۋىسىدىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ. 2021-يىلى، خەيكۇ شەھىرى چيۇڭشەن رايونىنىڭ لىجى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 84 مىڭ موغا، مەھسۇلاتى 70 مىڭ توننىغا يەتتى. لىجى ئۆستۈرگەن 6000 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ %60 ىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. سەنمېنپو بازىرىدىكى دېھقان ۋاڭ داچۈەن لىجى ئۆستۈرۈش جاپالىق، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش ياراتتىم، شۇڭا جاپا چەكسەممۇ ئەرزىيدۇ دېدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چيۇڭيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خەينەندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 152 مىڭ 100 نامرات ئائىلىدىكى 649 مىڭ 700 كىشىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 600 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، بەش نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

«بەيشا قوزغىلىڭىنىڭ 1-پاي ئوقى ئېتىلغان جاي»نىڭ كونا ئورنى خاتىرە باغچىسىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان دائەن كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، دائەن كەنتى كەترەن ئۆستۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، رەت-رەت بىنالارنى سېلىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەينەن ئۆلكىسى بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دائەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى فۇ خەنلىڭ ئىلگىرى كومپارتىيە بىزنى قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇشقا يېتەكلىگەن ئىدى، ھازىر پارتىيە بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى دېدى. 

يول قاتنىشى مەسىلىسى-ئىلگىرى چيوڭيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرغان مەسىلە ئىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەينەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى يېڭىدىن 508 كىلومېتىر كۆپەيتىلىپ، ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە شارائىتى ھازىرلانغان بارلىق تەبىئىي كەنتلەردە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ياساش ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. خەينەن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى «ئىككى سائەتلىك قاتناش تۇرمۇش چەمبىرى»مۇ رېئاللىققا ئايلاندى. خەينەن ئۆلكىلىك قاتناش پىلانلاش، تەكشۈرۈش، لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى پىلانلاش ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: دەنجۇ، تۈنچاڭ، چيۇڭجۇڭ قاتارلىق بىر قىسىم كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىغا يۇغۇرۇلۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قىياپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە، خەينەن چيۇڭيا كالوننىسى خاتىرە ئورنى، قىزىل ئاياللار قوشۇنى خاتىرە باغچىسى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ،  پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، قىزىل ئاياللار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىي روھى چيۇڭجۇ زېمىنىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. لۇ مېييەن يەرلىك چيۇڭخەيلىك بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ قىزىل ئاياللار قوشۇنىدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىق يىللار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىغان. 2017-يىلى، لۇ مېييەن كۆك نېلۇپەر قاتارلىق خۇش پۇراق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى كۆرۈپ يەتتى، ئۇ بىر يىلدىن كۆپرەك سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا يۇقىرى سۈپەتلىك كۆك نېلۇپەر سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئاياللارنى باشلاپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىپ، يېڭى دەۋردىكى «چيۇڭخۇا گۈلى» دەپ ئاتالدى. لۇ مېييەن مۇنداق دېدى: مەن كۆك نېلۇپەر كەسپىنى كىچىكلىكتىن زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنى بۇ كەسىپكە جەلپ قىلىپ، تەڭ بېيىشنى ئويلايمەن. مېنىڭچە، بۇ-قىزىل ئاياللار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىق.

خەينەن ئۆلكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى خەلقنى تېخىمۇ باياشات، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، 2021-يىلى، يېڭى دەۋردە چيۇڭيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى چىقىرىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بوئاۋ لېچېڭ خەلقئارا داۋالاش، ساياھەت باشلامچى رايونى، خەينەن ئېكولوگىيە يۇمشاق دېتال باغچىسى قاتارلىق ئەركىن سودا پورتى نۇقتىلىق رايونلىرى، زور تۈرلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىغا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، چيۇڭيا كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. خەينەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ گاڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئاياللار قوشۇنى، چيۇڭيا كالوننىسىنىڭ «23 يىل قىزىل بايراقنى يىقىتىپ قويماسلىق» ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتىنى ياخشى قۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىمىزنى ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سىياسەتتىن پايدىلىنىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەركىن سودا پورتىنىڭ شەرق شامىلىغا تايىنىپ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەينەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى-پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ يىلتىزى، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى