ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەۋەبى نامەلۇم بۇكېسەلگە قارىتا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 19:00

 

مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئالاقىدار بىمار تېخى بايقالمىدى، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۆزىتىۋاتىدۇ.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنداق ئەسكەرتتى، بۇ خىل جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى:

1. يېشى بىر ئايلىقتىن 16 ياشقىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى 10 ياشتىن تۆۋەن بولىدۇ؛

2. چىرايىغا سېرىقلىق چۈشۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسىراش ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى (ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش) كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا قىزىتما كۆرۈلمەيدۇ؛

3. تەجرىبىخانىدىكى جىگەر بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈشىدە تىرانسئامىنازا (AST ياكى ALT) كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ.

ئەگەر بالىلاردا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى كېرەك.

بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئالاقىدار سوئال-جاۋابلار

 

يېقىندا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقاردى. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:

1. دۆلىتىمىزدە بالىلاردىكى سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كۆرۈلدىمۇ؟ 

جاۋاب: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئالاقىدار بىمار تېخى بايقالمىدى، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۆزىتىۋاتىدۇ.

2. بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟ قانداق قىلغاندا دەل ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ؟ 

جاۋاب: بىرىنچى، بۇ خىل جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: يېشى بىر ئايلىقتىن 16 ياشقىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى 10 ياشتىن تۆۋەن بولىدۇ؛ ئىككىنچى، چىرايىغا سېرىقلىق چۈشۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسىراش ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى (ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇش) كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا قىزىتما كۆرۈلمەيدۇ؛ ئۈچىنچى، تەجرىبىخانىدىكى جىگەر بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈشىدە تىرانسئامىنازا (AST ياكى ALT) كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ. 

ئەگەر بالىلاردا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىگەرنىڭ بىيوخىمىيەلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە قان، سۈيدۈك، تەرەت ۋە نەپەس يولى ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلارنى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئىلىمى بويىچە تەكشۈرتۈپ، بالىلاردا جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بار-يوقلىقىنى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن -كۆرۈلمىگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

3. بالىلاردا كۆرۈلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ 

جاۋاب: بالىلاردا كۆرۈلىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىق يۇقۇملىنىش يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە قاندىن يۇقىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نائېنىق جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ بەز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىققان. نۆۋەتتە، ئاساسلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولسا بالىلارنىڭ ئادەم كۆپ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چىقىرىندىلاردىن يۇقۇملىنىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئۇخلىشى ۋە ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بالىلارنىڭ سىرتقا چىققاندا كىيىدىغان كىيىمى ۋە دائىم ئۇچرىشىدىغان بۇيۇملىرىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، قولىنى پات-پات يۇيۇپ، ماسكا تاقاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەمدە، بالىلاردا چىرايىغا سېرىقلىق چۈشۈش، ھەزىم يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى قاتارلىق جىگەر ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە توپلانغان تەجرىبىلەر ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئە ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نائېنىق جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.

4. بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى نامەلۇم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ 

جاۋاب: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن، نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيدىغان پەرەزلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەۋەبى نامەلۇم بۇكېسەلگە قارىتا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

مۇخبىرنىڭ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن بالىلاردا كۆرۈلگەن سەۋەبى