ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تاڭشەندىكى ئادەم ئۇرۇش دېلوسى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:52

 

 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 2:40 ئۆتكەندە، چېن xx باشقىلار بىلەن  بىرلىشىپ تۆت قىزنى ئۇرغان ۋە سائەت 2:47 ئۆتكەندە قېچىپ كەتكەن.

 سائەت 2:41 ئۆتكەندە ئامما ساقچىغا مەلۇم قىلغان، تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسى ئايرودۇرۇم يولى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ياردەمچى ساقچىلارنى باشلاپ سائەت 3:09 ئۆتكەندە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى چىقىرىپ، ئىككىيلەننىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى (2-دەرىجىلىك)، باشقا ئىككىيلەننىڭ يېنىكرەك يارىلانغانلىقىنى بېكىتتى.

 ج خ ئورگىنى چېن xx قاتارلىقلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى بايقىدى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چېن xx قاتارلىق يەتتە كىشى تاڭشەندە قىمار ئويناپ پۇل يۇيۇشقا چېتىلغان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 660 مىڭ 300 يۈەن بولغان.

 بۇنىڭدىن باشقا يەنە چېن xx قاتارلىقلارنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، قىمارخانا ئېچىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت يىپ ئۇچلىرى بايقالدى.

 ئالاقىدار خادىملارنىڭ قارا، رەزىل تەشكىلات جىنايىتىگە چېتىلغان-چېتىلمىغانلىقى نۆۋەتتە جىددىي رازۋېدكا قىلىنىپ تەكشۈرۈلمەكتە.

 چارلاشقا چىقىش ۋاقتىدا بولماسلىق، قانۇن ئىجرا قىلىش قېلىپلاشماسلىق ۋە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈلدى، تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى xxنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

 

چېن xx قاتارلىقلارنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، باشقىلارنى زورلۇق بىلەن ئۇرۇش قاتارلىق دېلولىرىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

 

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، تاڭشەن شەھىرى لۇبېي رايونىدىكى مەلۇم بىر كاۋاپخانىدا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، باشقىلارنى زورلۇق بىلەن ئۇرۇش دېلوسى يۈز بېرىپ يامان تەسىر پەيدا قىلدى ۋە ئاممىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن دېلونى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى. خېبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشكە تەشكىللىدى ۋە قوماندانلىق قىلدى ھەمدە دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى باشقا جايغا بېرىشنى بېكىتتى، ج خ مىنىستىرلىقى دەرھال مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ بىرىنچى سەپتە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى. تاڭشەن، لاڭفاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشتە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، چېن xx (ئەر، 43 ياش) قاتارلىق تۆت كىشى جياڭسۇدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ خېبېي تاڭشەنگە كەلگەن ۋە چېن xx (ئەر، 41 ياش) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ توردا قىمار ئويناپ پۇل يۇيۇشتىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلغان. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، چېن xx (ئەر، 41 ياش) قاتارلىق بەش كىشى چېن xx (ئەر، 43 ياش) قاتارلىق تۆت كىشى بىلەن تاڭشەن شەھىرى لۇبېي رايونىدىكى مەلۇم بىر كاۋاپخانىدا جەم بولۇپ ھاراق ئىچكەن. بۇ ئارىلىقتا، سائەت 2:40 ئۆتكەندە، چېن xx (ئەر، 41 ياش) ئىشتىن چۈشۈپ بۇ دۇكاندا تاماق يەۋاتقان ۋاڭ xx (ئايال، 31 ياش)نى پاراكەندە قىلغان، رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ما xx (ئەر، 25 ياش)، چېن xx (ئەر، 43 ياش) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ۋاڭ xx، ليۇ xx (ئايال، 29 ياش) قاتارلىق تۆت كىشىنى ئۇرغان، سائەت 2:47 ئۆتكەندە قېچىپ كەتكەن، سائەت 2:55 ئۆتكەندە تۆت نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. سائەت 2:41 ئۆتكەندە ئامما ساقچىغا مەلۇم قىلغان، تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسى ئايرودۇرۇم يولى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ياردەمچى ساقچىلارنى باشلاپ سائەت 3:09 ئۆتكەندە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، خېبېي ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ج خ ئورگانلىرى زىچ ماسلىشىپ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى دېلوغا چېتىشلىق توققۇز كىشى (يەتتە ئەر، ئىككى ئايال)نى قولغا چۈشۈردى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن توققۇز جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار دوختۇرغا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يۈەن  xx (ئايال، 24 ياش)، لى xx (ئايال، 29 ياش) دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانمىسىمۇ بولىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى. ۋاڭ xx، ليۇ xx ئادەتتىكى كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىدۇ، ھازىر يارىسى ياخشىلاندى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەدلىيەلىك باھالاش ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى چىقىرىپ، ۋاڭ xx، ليۇ xx ئىككىيلەننىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى (2-دەرىجىلىك)، يۈەن  xx، لى xx ئىككىيلەننىڭ يېنىكرەك يارىلانغانلىقىنى بېكىتتى.

ج خ ئورگانلىرى بۇ دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارى چېن xxنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى بايقىدى: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، چېن xx قەرز سۈيلەشنى باھانە قىلىپ، ليۇ xx، گاۋ xx، خوۋ xx، ۋاڭ xx قاتارلىقلارنى شاڭ xxنى ئۇرۇشقا ۋە قانۇنسىز قاماپ قويۇشقا كۈشكۈرتكەن، يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاش ئارقىلىق شاڭ xxنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەن. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، چېن xx باشقىلارنىڭ قەرزگە تۇتۇپ بەرگەن پىكاپنىڭ ئوغرىلاپ كېلىنگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنىلا ياۋ xx، فەن xx قاتارلىقلارنى پاكىتنى يوشۇرۇپ، بۇ ماشىنىنى رەنىگە قويۇپ، 148 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىشقا كۈشكۈرتكەن. 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، چېن xx (ئەر، 41 ياش)، چېن xx (ئەر، 43 ياش)، لى xx قاتارلىق يەتتە كىشى تاڭشەندىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدا توردا قىمار ئويناپ پۇل يۇيۇشتىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ 660 مىڭ 300 يۈەن بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ج خ ئورگانلىرى يەنە چېن xx (ئەر، 41 ياش)، چېن xx (ئەر، 43 ياش)، شېن xx، ما xx، لى xx قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، قىمارخانا ئېچىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى بايقىدى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ قارا، رەزىل تەشكىلات جىنايىتىگە چېتىلغان-چېتىلمىغانلىقى نۆۋەتتە جىددىي رازۋېدكا قىلىنىپ تەكشۈرۈلمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تاڭشەندىكى شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى پاش قىلىش تېلېفونى ئاچتى، پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى تەسىس قىلدى ھەمدە نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىش، توردىكى پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنى قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىشقا چوڭقۇر سەپەرۋەر قىلدى. ج خ ئورگانلىرى نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق يىپ ئۇچى، بولۇپمۇ قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىغا قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، باشقا جايدىكى ساقچىلارنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، دەلىللەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە تەلتۆكۈس ئېنىق تەكشۈردى.

دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ج خ ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، چارلاشقا چىقىش ۋاقتىدا بولماسلىق، قانۇن ئىجرا قىلىش قېلىپلاشماسلىق ۋە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈردى، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ساقچى خادىملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى xxنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

ج خ ئورگانلىرى دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش قاتارلىق كېيىنكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

 

خېبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى

2022-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تاڭشەندىكى ئادەم ئۇرۇش دېلوسى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

❶ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 2:40 ئۆتكەندە، چېن xx باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تۆت قىزنى ئۇرغان ۋە سائەت 2:47 ئۆتكەندە قېچىپ كەتكەن.